ترامپ تۈركىيە - ئامېرىكا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا توختالدى.

1125858
ترامپ تۈركىيە - ئامېرىكا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا توختىلىپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشتۇق؛ بۇ يەردە ھەقىقەتەنمۇ كېڭىيىش ئۈچۈن كەڭ ئىمكانىيەت بار» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن تۈنۈگۈن تېلېفوندا ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى توغرىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «دائېش قالدۇقلىرىغا قارشى يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىمىز ۋە 20 مىل (32 كىلومېتىر) لىق بىخەتەر رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مەسىلىلەرگە دائىر پوزىتسىيەمىزنى يەتكۈزۈش مەقسىتىدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن سۆزلەشتىم. يەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدىمۇ سۆزلەشتۇق؛ بۇ يەردە ھەقىقەتەنمۇ كېڭىيىش ئۈچۈن كەڭ ئىمكانىيەت بار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر