ئامېرىكىدا ئىشسىزلىق نىسبىتىدە رېكورت يارىتىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا تۇنجى قېتىم ئىشسىزلىق مائاشىغا ئىلتىماس سۇنغانلارنىڭ سانى ئۆتكەن ھەپتە 234 مىڭغا يەتتى.

1098127
ئامېرىكىدا ئىشسىزلىق نىسبىتىدە رېكورت يارىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەمگەك مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، دۆلەتتە تۇنجى قېتىم ئىشسىزلىق مائاشىغا ئىلتىماس سۇنغانلارنىڭ سانى ئۆتكەن ھەپتە ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 10 مىڭ كىشى ئېشىپ، 234 مىڭغا يەتكەن، شۇنىڭ بىلەن، ئىشسىزلىق نىسبىتى يېقىنقى 6 ئايدىن  بۇيانقى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكەن. نبر

ماي ئېيىدىن بۇيان ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكەن ئىلتىماسلارغا قارىتا بازار مۆلچەرلىرى 220 مىڭ قىلىپ بېكىتىلگەنىدى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار، يەنە ئۆتكەن ھەپتە ئېتىبارى بىلەن ھەپتىلىك ئوتتۇرىچە ئىشسىزلىق مائاشى ئىلتىماسلىرىنىڭ 4 مىڭ 750 كىشىلىك ئېشىش بىلەن 223 مىڭ 250 سەۋىيەسىگە يەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىگىلىنىشىچە، داۋاملىشىۋاتقان ئىشسىزلىق مائاشى ئىلتىماسلىرىمۇ 17 – نويابىر ھەپتىسىدە ئالدىنقى ھەپتىگە نىسبەتەن 50 مىڭ كىشى ئېشىپ، 1 مىليون 710 مىڭغا يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر