تۈركىيەنىڭ ئېكسپورت مىقدارى ئاشتى

تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى ئۆكتەبىر ئېيىدا يىللىقى بويىچە ھېسابلىغاندا %13 ئېشىپ، 15 مىليارد 719 مىليون دوللارغا يەتتى.

1097929
تۈركىيەنىڭ ئېكسپورت مىقدارى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى (İK) بىلەن سودا مىنىستىرلىقى ئۆكتەبىر ئېيى ۋە ئۆكتەبىردىن يانۋار ئېيىغىچە بولغان ئۆتكۈنچى تاشقى سودا ئىستاتىستىكا رەقەملىرىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ۋە تاشقى سودا مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان تاشقى سودا رەقەملەرگە ئاساسلانغاندا، ئېكسپورت مىقدارى ئۆكتەبىر ئېيىدا 2018-يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %13 ئېشىپ، 15 مىليارد 719 مىليون دوللارغا يەتكەن، ئىمپورت مىقدارى بولسا، %23.8 تۆۋەنلەپ 16 مىليارد 176 مىليون دوللار بولغان. بۇ مەزگىلدە تاشقى سودا قىزىل رەقىمى %93.8 ئازىيىپ 456 مىليون دوللارغا چۈشكەن.

سانلىق رەقەملەرگە قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى يانۋار ئېيىدىن ئۆكتەبىر ئېيىغىچە بولغان مەزگىلدە، ئۆتكەن يىل (2018) نىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %7.6 ئېشىپ 138 مىليارد دوللارغا، ئىمپورت مىقدارى %0.1 ئېشىپ 190 مىليارد 327 مىليون دوللارغا يەتكەن. بۇ مەزگىلدە تاشقى سودا قىزىل رەقىمى %15.7 ئازىيىپ، 51 مىليارد 627 مىليون دوللار بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر