«تۈرك ئېقىمى» تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنىڭ % 95 تى تاماملاندى

«تۈرك ئېقىمى» تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنىڭ دېڭىزدىن ئۆتۈش قۇرۇلۇشىنىڭ % 95 تى تاماملاندى.

1076635
«تۈرك ئېقىمى» تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنىڭ % 95 تى تاماملاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گازىنى ئالدى بىلەن تۈركىيەگە، ئارقىدىن ياۋروپاغا يەتكۈزۈش پىلانلانغان «تۈرك ئېقىمى» تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنىڭ دېڭىز قىسمى قۇرۇلۇشىنىڭ % 95 تى تاماملاندى.

رۇسىيە ئېنېرگىيە شىركىتى گازپروم تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ قارادېڭىزدىكى ئىككى دېڭىزدىن ئۆتۈش تۇرۇبا لىنىيەسى ئۇزۇنلۇقىنىڭ 1،775 كىلومېتىرغا يەتكەنلىكى، لايىھەنىڭ رۇسىيەنىڭ «ئاناپا رايونى» دىكى ساھىل بىلەن تۇتۇشىدىغان قىسمى قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملانغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «<تۈرك ئېقىمى> تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىنىڭ دېڭىز قىسمى قۇرۇلۇشىنىڭ % 95 تى تاماملاندى. لايىھەنىڭ  تۈركىيەنىڭ <قىيىكۆي رايونى> دىكى قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرى بولسا داۋاملاشماقتا.»

گازپروم شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ئالېكساندىر مېدۋېدېۋ، يېقىندا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «تۈرك ئېقىمى» لايىھەسىنىڭ ئىككىنچى قۇرۇقلۇق لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى 2019 – يىلى باشلاشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گازىنى ئالدى بىلەن تۈركىيەگە، ئارقىدىن تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا يەتكۈزىدىغان «تۈرك ئېقىمى» تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى، ھەر بىرى يىللىق 15،75 مىليارد كۇب مېتىرلىق ئىككى لىنىيەدىن تەشكىل تاپىدىكەن. لايىھەنىڭ ئىككىنچى لىنىيەسىنى گىرېتسىيە ئارقىلىق ئىتالىيەگە ياكى بۇلغارىيە ئارقىلىق سېربىيەگە يەتكۈزۈش پىلانلانماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر