Boeing: يېڭى ئەۋلاد ئايروپىلانلارنىڭ پارچىلىرىنى تۈركىيەدىن تېخىمۇ كۆپ سېتىۋالىمىز
< Boeing > شىركىتى يېڭى ئەۋلاد ئايروپىلانلارنىڭ پارچىلىرىنى تۈركىيەدىن تېخىمۇ كۆپ سېتىۋالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ پۇقراۋى ۋە ھەربىي ئايروپىلان ھەم تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان « Boeing » شىركىتى، يېڭى ئەۋلاد سودا ئايروپىلانلىرىنىڭ بەزى پارچىلىرىنىڭ تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقىنى، تۈركىيەدىكى 160 مىليون دوللارلىق ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش مىقدارىنى كۆپەيتىش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى ئۇقتۇردى.
دۆلەت مۇداپىئەسى ساھەلىرىدە ناھايىتى چوڭ لايىھەلەرنى تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن شىركەت، تۈركىيەدە كەڭ دائىرىلىك مال – مۈلۈكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى، تۈركىيەنىڭ سانائەت ساھەسىدە ئورتاق پۇرسەتلەردىن بىرلىكتە بەھرىمەن بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.