مەككە-مەدىنە ئارىسىدا پويىز سەپىرى باشلاندى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرى بىلەن مەدىنە شەھىرى ئوتتۇرىسىدا «ھارامەين» تېز پويىزى تۇنجى سەپىرىنى باشلىدى.

1067173
مەككە-مەدىنە ئارىسىدا پويىز سەپىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەككە-مەدىنە ئارىسىدا ھاجىملار بىلەن ئۆمرە قىلغۇچىلارنىڭ ساياھىتىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان «ھارامەين» تېز پويىزى تۇنجى سەپىرىنى باشلىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «SPA» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەڭ چوڭ قاتناش لايىھەلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان ھارامەين تېز پويىزى مەككە-مەدىنە ئارىسىدا قاتناشقا باشلىغان.

ھارامەين تېز پويىزى لايىھەسىنىڭ مۇدىرى سائاد ئەششەھرى تۇنجى قوش سەپەرنىڭ 417 يولۇچى بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا باشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەككە-مەدىنە ئوتتۇرىسىدا 2 مىليارد دوللار سەرپ قىلىنغان تېز پويىز لىنيەسىنىڭ يىلىغا 60 مىليون يولۇچىغا خىزمەت بېرىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. سانائەت رايونلىرى، ئىقتىسادىي شەھەرلەر، ئايرودۇرۇملار ۋە شەھەر مەركەزلىرىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرغان، ئۇزۇنلۇقى 460 كىلومېتىر كېلىدىغان لىنيە، تۆت سائەتلىك تاشيول مۇساپىسىنى سائىتىگە 300 كىلومېتىرلىق تېزلىك بىلەن 1 سائەت 20 مىنۇتقا چۈشۈرىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان 2017-يىلى 2 مىليون 400 مىڭغا يېقىن ھاجىم، 7 مىليون ئەتراپىدا ئۆمرە قىلغۇچىلارنى كۈتۈۋالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر