ئۆزبېكىستان بىلەن بېلارۇسىيە ئارىسىدا نۇرغۇن كېلىشىم ئىمزالاندى

پايتەخت تاشكەنتتە چاقىرىلغان سودا مۇنبىرىدە ئۆزبېكىستان بىلەن بېلارۇسىيە ئارىسىدا 200 مىليون دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالاندى.

1049260
ئۆزبېكىستان بىلەن بېلارۇسىيە ئارىسىدا نۇرغۇن كېلىشىم ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكسىتان-بېلارۇسىيە سودا مۇنبىرىدە 200 مىليون دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالاندى.

بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندر  لۇكاشېنكونىڭ ئۆزبېكىستان زىيارىتى دائىرىسىدە، پايتەخت تاشكەنتتە سودا مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى. مۇنبەرگە ھەر ئىككى دۆلەتتىن نۇرغۇن سودا-سانائەتچى قاتناشتى.

ئۆزبېكسىتان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى نادىر ئاتاجانوۋ بىلەن بېلارۇسىيە مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مىخائىل رۇسىينىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن سودا مۇنبىرىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا-سانائەتچىلىرى ۋە دۆلەت ئورگانلىرى مەسئۇللىرى ئىككى دۆلەتنىڭ سودا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

سودا مۇنبىرىدە ئۆزبېكىستان تاشقى سودا مىنىستىرى جامشىد جوجايېۋ، بېلارۇسىيە مەسئۇللىرىغا ئۆزبېكىستاننىڭ سودا-سانائەت ۋە سېلىنما ئەھۋالى بىلەن ئۆزبېكىستاندىكى چەت ئەل شىركەتلىرىگە يارىتىپ بېرىلگەن پۇرسەت ۋە ئىمتىيازلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. بېلارۇسىيە كارخانچىلىرىمۇ ئۆزبېك كاخانچىلار بىلەن سودا ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشتى.

ئۆزبېكىستان-بېلارۇسىيە سودا مۇنبىرىدىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 200 مىليون دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالاندى. 

سودا مۇنبىرى دائىرىسىدە پايتەخت تاشكەنتتە بېلارۇسىيە مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىمۇ ئۆتكۈزۈلدى.

بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندر لۇكاشەنكونىڭ ئۆزبېكىستان زىيارىتى بۈگۈن ئاخىرلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر