تۈركىيە شىركىتى سۇداندا ئالتۇن زاپىسى تەكشۈرىدۇ

تۈركىيە شىركىتى سۇداننىڭ قىزىلدېڭىز ئۆلكىسىدە ئالتۇن زاپىسى قىدىرىپ تەكشۈرىدۇ.

1024086
تۈركىيە شىركىتى سۇداندا ئالتۇن زاپىسى تەكشۈرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدا كان ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيەنىڭ دەنىزلى شىركىتى سۇداننىڭ « Business Haidar Mining» شىركىتى بىلەن ئالتۇن زاپىسى قىدىرىپ تەكشۈرۈش كېلىشىمى ئىمزالىغان. دەنىزلى شىركىتى باش دىرېكتورى شاھىن تىن، مىنىستىرلىقتا بەرگەن باياناتىدا، ئالتۇن  زاپىسىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش مۇساپىسىنى تېزلەشتۈرۈشنى  ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سۇدان شىركىتى بىلەن ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى خالايمىز. ئالتۇن زاپىسى قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى ھەر ئىككى دۆلەتكە پايدىلىق دەپ قارايمىز.» ئىگىلىنىشىچە،  2011 – يىلى جەنۇبىي سۇداندىن ئايرىلىشىدىن كېيىن نېفىت كىرىمىنى قولدىن بېرىپ قويغان سۇدان،  ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىزدىنىشكە باشلىغان ۋە تاشقى پېرېۋۇت كىرىملىرىنىڭ % 80 تىنى تەشكىل قىلىدىغان ئالتۇنغا يۈزلەنگەنىدى. سۇداننىڭ ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى بۇلتۇر 105 توننىغا، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا 63.3 توننىغا يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر