دۇنيانىڭ دىققىتى ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ يېڭى باسقۇچىغا مەركەزلەشتى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ ئامېرىكانىڭ سودا بېسىمىنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1024023
دۇنيانىڭ دىققىتى ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ يېڭى باسقۇچىغا مەركەزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ھۆكۈمىتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سودا سىياسىتىدە ئېتىبارغا ئېرىشىش ئۈچۈن بېسىم قىلىپ، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان 200 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى مەھسۇلاتقا %25 قوشۇمچە تاموژنا بېجى يولغا قويۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن، ئەگەر  ئامېرىكا سودىنى چەكلەيدىغان يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويغان تەقدىردە ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكانىڭ سودا بېسىمىنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى ۋە بېيجىڭنىڭ سودا مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ھەر قاچان دىيالوگنى قوللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاقساراينىڭ قوشۇمچە تاموژنا بېجىغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى بۈگۈن (1-ئاۋغۇست) دىن باشلاپ ئېلان قىلىشى پەرەز قىلىنماقتا.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان بېسىمنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قوشۇمچە تاموژنا بېجىنى %25 گە چىقىرىشنى پىلان قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

ئامېرىكا سودا ۋاكالەتخانىسىنىڭ پىرېزىدېنت ترامپنىڭ 18-ئىيۇندىكى يوليورۇقىغا ئاساسەن تەييارلىغان خىتاينىڭ 5 مىڭ مەھسۇلاتى بولغان تىزىملىكتە، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىن تەنتەربىيە پەلىيىگىچە، تەبىئىي ۋە خىمىيەلىك ماددىلاردىن مېۋى-چىۋە، كۆكتاتلارغىچە ۋە تاماكا مەھسۇلاتلىرىدىن ئاپتوموبىل چاقىغىچە بولغان ھەر خىل مەھسۇلاتلار بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر