يېڭى تەشكىلىي قۇرۇلما نېمىنى كۆرسىتىدۇ

«ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «يېڭى تەشكىلىي قۇرۇلما نېمىنى كۆرسىتىدۇ» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1016178
يېڭى تەشكىلىي قۇرۇلما نېمىنى كۆرسىتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «يېڭى تەشكىلىي قۇرۇلما نېمىنى كۆرسىتىدۇ» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

ئىقتىساد، جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمىگە قەدەم بېسىلغان يېڭى تۈركىيەدىكى ئەڭ مۇھىم تېمىلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالماقتا. ئېلان قىلىنغان يېڭى تۈزۈمنىڭ تۇنجى ئىچكى كابىنېتىدا ھەم قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنغان مىنىستىرلىقلار، ھەم رەھبەرلىك ئاپپاراتىدىكى يېڭى رەھبەرلەر ئالدىمىزغا چىقتى. يېڭى تەشكىلىي قۇرۇلما ۋە بۇ ئورگانلارغا مەسئۇل قىلىنغان ئەربابلارنىڭ ئالاھىدە دىققەتنى تارتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ئىقتىسادنىڭ تىزگىنى تاپشۇرۇلغان رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ پۇل – مۇئامىلە بازارلىرى تەرىپىدىن يېقىن تەقىب قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتىش پايدىلىق بولسا كېرەك. كۆپ باشلىقلىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى بىكار قىلىش مەقسىتىدە شەكىللەندۈرۈلگەن بۇ تەشكىلىي قۇرۇلمىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىسىنى تېخىمۇ ئاز بىيۇروكراتىيە، تېخىمۇ تېز قارار چىقىرىش مۇساپىسى تەشكىل قىلىدۇ. دېمەك، يېڭى دەۋر نەتىجە مەركەزلىك ئۈنۈملۈك خىزمەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن مۇۋاپىق شارائىت ھازىرلىدى ۋە بەزى ساھەلەردىكى خىزمەتلەر ھېلىھەم داۋام قىلماقتا. تۈركىيە سىياسىي ھاياتىغا يېڭىلىق ئېلىپ كېلىشنى نىشان قىلغان بۇ تۈزۈمدە، تەشكىلىي ئورگانلار بىزگە قانداق ۋەدىلەرنى بېرىدۇ، يېڭى تەشكىلىي قۇرۇلما نېمىلەرنى كۆرسىتىدۇ؟

يېڭى باسقۇچتا ئىقتىسادىي تۈزۈلمىنىڭ خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى، سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ۋە سودا مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرنىڭ بىر كاتېگورىيە ئاستىدا بىر يەرگە كېلىشى، ئىقتىسادىي تۈزۈلمىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، مالىيە ۋە سودىنى مەركەز قىلغان ھالدا قۇرۇپ چىقىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان تەشكىلىي قۇرۇلما بىر گەۋدە ھالەتتە پائال سىياسەتلەرنىڭ ئورۇندىلىشى يولىدا تولىمۇ مۇھىم بىر قەدەمنىڭ تاشلانغانلىقىنىڭ ناماياندىسىدۇر.

ئىقتىسادتىكى ئەڭ مۇھىم نىشان، سىجىل ئىقتىسادىي ئېشىشقا ياردەمچى بولىدىغان ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، دەل بۇ نۇقتىدا، يېڭى تۈزۈم تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە گۈللىنىش ھېكايىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش غايىسىگە ئىگىدۇر.

ئىقتىسادنىڭ ساقلىنىۋاتقان ئەڭ ئېغىر مەسىلىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان قىزىل رەقەم مەسىلىسىدە، سەرمايە كىرىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەك. بۇ نۇقتىدىن تېخىمۇ ئوچۇق – ئاشكارا شۇنداقلا ئالدىمىزدىكى مۇساپە ئۈچۈن بىزگە پارلاق يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان بۇ تۈزۈمنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىغا مۇھىم پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىشىمىز لازىم.

چۈنكى، تۇراقسىزلىقلار تۈگىگەن، كېلەچىكىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ئىقتىسادقا ئىگە دۆلەتلەر، چەت ئەللىكلەرنىڭ كۆپلەپ كېلىدىغان يېرى بولىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيەنىڭ يېڭى باسقۇچتا مەبلەغ جەلپ قىلىش ۋە قىزىل رەقەم مالىيەسىنىڭ كاپالەتكە قىلىنىشى قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ كونكرېت قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىنى ئېيتىشىمىز مۇمكىن.

سېلىنما قارارلىرىنىڭ چىقىرىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ راھەت ۋە مۇۋاپىق شارائىتنىڭ يارىتىپ بېرىلىشى سېلىنمىلاردا ئېشىشنى روياپقا چىقىرىدۇ. سېلىنمىلارنىڭ ئېشىشى بىلەن تۈركىيە، ھەم كۈچلۈك ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەن ھەم ئەمگەك – خىزمەت پۇرسىتى ياراتقان بىر دۆلەتكە ئايلىنىدۇ.

دۇنيا ئىقتىسادىدا سۈرئەت بىلەن چىقىۋاتقان ئۆزگىرىش ۋە ئايلىنىش شاماللىرىغا تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭمۇ بىر شەكىلدە ماسلىشىشىغا توغرا كېلىدۇ. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ سەركىسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈش قارارى پەيدا قىلغان سودا ئۇرۇشلىرى سۆز – چۆچەكلىرى، بىر تەرەپتە، دۇنيا ئىقتىسادىدا قورۇقچىلىقنى ئېغىرلاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتە، مالىيە شەرتلىرى چىڭىغان يېڭى بىر تۈزۈم شەكىللەنمەكتە.

ئەسلىدە جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمى، تۈركىيە ئىقتىسادىنى بۇ يېڭى تۈزۈمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇش ۋە دۇنيا ئىقتىساد سەھنىسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك رىقابەت ئورنىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ناھايىتى مۇۋاپىق ئۈستقۇرۇلما تەييارلىدى. قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنغان تەشكىلىي قۇرۇلمىدىكى ئاددىيلاشتۇرۇلغان رەھبەرلىك ئاپپاراتى توسقۇنلۇققا ئۇچرىماستىن قارار چىقىرىش مېخانىزمىغا ئىگە بولغان بولىدۇ.

بارلىق كىشى ۋە ئورۇنلارنىڭ سالاھىيەت ۋە مەسئۇلىيەت دائىرىسى روشەن بولغان بۇ قۇرۇلما، دۇنيا ئىقتىسادىدىكى يېڭىلىقلارغا، ئۆزگىرىش ۋە بۇرۇلۇشلارغا تېخىمۇ تېز ماسلىشىدۇ. ئورتاق ئەقىل مۇئەسسەسەلەشكەن يېڭى باشقۇرۇش مودېلى، تۈركىيەنى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 10 ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇش يولىدا، دۇنياۋى رىقابەت كۈچىنى كۈنسېرى ئاشۇرىدۇ. يېڭى تۈزۈم، سىجىل ۋە سىغدۇرۇشچان ئېشىش نىشانغا يەتكۈزىدىغان، رەقەملىك ئۆزگىرىش كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان، ئىجتىمائىي دۆلەت چۈشەنچىسى دۆلەت مىقياسىدا تولۇق مەنىدە يىلتىز تارتقان بىر تۈركىيەنى كۆرسىتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر