ياۋروپا ئىتتىپاقى كۆچمەنلەر ئۈچۈن تۈركىيەگە ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەدىكى كۆچمەنلەر ئۈچۈن ئىككىنچى قېتىم 3 مىليارد ياۋرولۇق ياردەم بېرىش توغرۇلۇق قارار چىقاردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە تۈنۈگۈن كەچتە ئىتالىيەنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى سەۋەبىدىن بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىغان رەھبەرلەر، بۈگۈن ئەتىگەن ئېلان قىلغان باياننامىسىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى – ئافرىقا مۇنبىرىگىمۇ 500 مىليون ياۋرو بېرىش توغرۇلۇق قارار چىقارغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
ئىتالىيە تۈركىيەدىكى كۆچمەنلەر ئۈچۈن ئىككىنچى قېتىم 3 مىليارد ياۋرو بېرىشكە قارىتا چەكلىمىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى – ئافرىقا مۇنبىرىگە قوشۇمچە ياردەم بېرىشنى شەرت قوشۇۋاتاتتى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى باياننامىسىدە، تۈركىيەدىكى كۆچمەنلەر ئۈچۈن ئىككىنچى قېتىم 3 مىليارد ياۋرو بېرىش توغرۇلۇق قارار چىقاردى.
تۈنۈگۈن كەچتە ئىتالىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدا چىقىرىلىدىغان بارلىق قارارلارغا قارشى چىقىپ، 28 دۆلەت ئورتاق ئېلان قىلىدىغان باياننامىگە ۋاقىتلىق توسقۇنلۇق قىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.