سايلامغا قاراپ كېتىۋاتقان يولدا ئىجتىمائىي سىياسەتلەرنىڭ رولى

«ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «سايلامغا قاراپ كېتىۋاتقان يولدا ئىجتىمائىي سىياسەتلەرنىڭ رولى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

989494
سايلامغا قاراپ كېتىۋاتقان يولدا ئىجتىمائىي سىياسەتلەرنىڭ رولى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «سايلامغا قاراپ كېتىۋاتقان يولدا ئىجتىمائىي سىياسەتلەرنىڭ رولى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز!

تۈركىيەدە، يېقىنقى 16 يىلدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمەتلىرى ئۆزگىرىش ۋە بۇرۇلۇش ياسىغان ساھەلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئىجتىمائىي سىياسەتلەر، نۆۋەتتىكى 24 – ئىيۇن سايلاملىرىغا قاراپ كېتىۋاتقان مۇساپىدە، ناھايىتى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ سايلام باياننامىلىرىدىن ئورۇن ئالماقتا. ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ سايلام رىقابىتى جەريانىدىكى ۋەدىلىرىنى «ئىجتىمائىي دۆلەت چۈشەنچىسى» نى ياقلىغان ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇشى ئەقىلگە ناھايىتى ئۇيغۇن. چۈنكى، بېلەت تاشلىغۇچىلار بىلەن سىياسىي پارتىيەلەر ئەڭ ئاسان ئالاقە ئورنىتالايدىغان سىياسەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي سىياسەتلەر ئىكەنلىكى ئېنىق. بىراق، سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ بۇ ۋەدىلەرنى بەرگەن چېغىدا، ۋەدىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان مالىيە مەنبەسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشىغا توغرا كېلىدۇ.

ئىجتىمائىي جەھەتتىن خەلقنىڭ تەرەققىياتىنى ئاساسىي پىرىنسىپ قىلىدىغان ئىجتىمائىي دۆلەت چۈشەنچىسىنى قوبۇل قىلغان تۈزۈملەردە كىرىمنىڭ ئادىل تەقسىماتى، نامراتلىقنى ئازايتىش ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنى تەرتىپكە سېلىش دېگەندەك ئىشلار بەكرەك ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالىدۇ. جەمئىيەتنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق قاتلاملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، بولۇپمۇ تۆۋەن قاتلامدىكىلەرنىڭ مەركەزلىشىش نۇقتىسى ھېسابلىنىدىغان ئىجتىمائىي سىياسەتلەر سەھىيەدىن مائارىپقىچە، ئىش – ئەمگەك شارائىتىدىن تارتىپ ئىجتىمائىي ياردەملەرگىچە بولغان كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

نۆۋەتتە تۈركىيە، مەيلى ئىجتىمائىي سەرپىياتلارغا ئاجرىتىلغان خامچوت بولسۇن، مەيلى نامراتلىقنى ئازايتىش بويىچە ئوتتۇرىغا قويغان ئىستراتېگىيەلەر بولسۇن، مەيلى جەمئىيەتتىكى بارلىق قاتلاملارنىڭ كىرىم تەقسىماتىدا ئادىل بولۇشنى ئاساس قىلىش جەھەتتە بولسۇن، مۇھىم بىر نۇقتىغا يەتتى. 2002 – يىلىدىن بۇيان مائارىپ، سەھىيە، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق دېگەندەك ساھەلەرنى دائىرىسىگە ئالغان ئىجتىمائىي سەرپىياتلارنىڭ ئومۇمىي دۆلەت سەرپىياتلىرى ئىچىدىكى نىسبىتى ئېشىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بۈگۈننىڭ تۈركىيەسىدە كۈنلۈك خىراجىتى 1 دوللار ۋە 2.15 دوللاردىن تۆۋەن پۇقرانىڭ قالماسلىقى، دۇنيا بانكىسىنىڭ ئاخىرقى قېتىم ئېلان قىلغان داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدىغان تەرەققىيات نىشانلىرى ئاتلىسى ناملىق 2017 – يىللىق دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ دۇنيادا نامراتلىقنى ئەڭ كۆپ ئازايتقان دۆلەت بولۇشى، نامراتلىقنىڭ ئازايتىلىشى مەسىلىسىدە ئىجتىمائىي سىياسەتلەردىن ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ.

تۈركىيەدىكى كەڭ ئومۇملاشقان ئىجتىمائىي سىياسەتلەر ئىچىدە ئىجتىمائىي ياردەملەر، ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرى، ئۆيدە بېقىش مۇلازىمەتلىرى، پېنسىيونېرلارغا تولۇقلىما بېرىش قاتارلىقلار ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالىدۇ. 2017 – يىلى تۈركىيەدە موھتاجلارغا بېرىلگەن ئىجتىمائىي ياردەم مىقدارى 36 مىليارد تۈرك لىراسىغا يەتتى. 2002 – يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، ئىجتىمائىي ياردەملەرنىڭ مىللىي كىرىمدىكى نىسبىتىگە قارىلىدىغان بولسا، 3 ھەسسىگە يېقىن ئاشقانلىقى كۆرۈلمەكتە. 2002 – يىلى ئىجتىمائىي ياردەملەرنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئىچىدىكى پېيى %0.50 بولغان بولسا، 2017 – يىلى بۇ سان %1.50 گە يەتتى.

بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئومۇمەن تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي سىياسەتلەرنىڭ قەيەردىن قەيەرگە كەلگەنلىكىگە دائىر كارتىنىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىپ بەرسىمۇ، ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە ئىجرا قىلىنىدىغان يول خەرىتىسىنىڭمۇ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارماسلىق لازىم. مەسىلەن، نۆۋەتتە نامراتلىققا قارشى كۈرەشنى پەقەت تەرەققىياتى تۆۋەن دۆلەتلەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. نامراتلىق پۈتكۈل دۇنيا دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن ھېلىھەم پىستىرمىدىكى بىر مەسىلە بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا، شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەم تەرەققىي تاپقان ھەم تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ نامراتلىققا قارشى كۈرەشكە ئالاقىدار سىجىل شۇنداقلا پائال سىياسەتلەرگە ئېھتىياجى بار.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىجتىمائىي سىياسەتلەرنىڭ سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادىي ئېشىش جەھەتتىكى ئەھمىيىتىمۇ مەلۇم. دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ماكرو مەنىدە قولغا كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ مىكرو دەرىجىدىمۇ كۆرۈلۈشى يەنى ھەربىر ئۆيدە ھېس قىلىنىشى سىغدۇرۇشچانلىق نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۇقتىدا ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئىجتىمائىي سىياسەتلەر سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ نېگىزلىك ئاچقۇچى رولىنى ئوينايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئىجتىمائىي سىياسەتلەرنىڭ كىرىمنى ئاشۇرغۇچى تەسىرىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئۇنتۇماسلىق كېرەك. دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان كىرىم گۇرۇپپىسىدىن بىر بالداق يۇقىرى گۇرۇپپىغا ئۆتۈشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۆلچەم ھېسابلىنىدىغان كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي كىرىمدە ئىجتىمائىي سىياسەتلەرنىڭ ناھايىتى زور ئۈنۈمى بار.

دېمەك، ئىجتىمائىي سىياسەتلەرنىڭ دۆلەت ئىقتىسادى شۇنداقلا ئىنسانىي تەرەققىيات نۇقتىسىدىن قانچىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ناھايىتى روشەن ئوتتۇرىدا تۇرماقتا. بۇ دائىرىدە، 24 – ئىيۇن سايلاملىرى يولىدا سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ئىجتىمائىي سىياسەتلەرگە دائىر ۋەدە ۋە نۇتۇقلىرىنىڭ ئۆلچەملىك بولۇشىنىڭمۇ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، بۇ ۋەدىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ياكى سىياسەتلەرنى بېكىتكەن چاغدا خامچوتقا ئوخشاش مۇئەييەن ئۆلچەملەرنى نەزەردە تۇتۇشى كېرەكلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈش پايدىلىقتۇر.

نەتىجىدە، تۈركىيەدە كىرىم تەقسىماتىنى ياخشىلايدىغان، ئىجتىمائىي باياشاتلىقنى ئاشۇرىدىغان، سىغدۇرۇشچان ۋە سىجىل ئېشىشنى قولغا كەلتۈرىدىغان ھەرقانداق سىياسەت قىممەتلىكتۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر