ئاپرېل ئېيىدىكى ئېكسپورت مىقدارى ئاشقان

تۈركىيەنىڭ 2018-يىل ئاپرېل ئېيىدىكى ئېكسپورت مىقدارى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگلىگە سېلىشتۇرغاندا 7.8% ئاشقان.

982859
ئاپرېل ئېيىدىكى ئېكسپورت مىقدارى ئاشقان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى (TÜİK) بىلەن سودا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەييارلانغان ئاپرېل ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك تاشقى سودا ئىستاتىستىكا رەقەملىرى ئېلان قىلىندى.

ئىستاتىستىكا رەقەملىرىگە ئاساسلانغاندا، ئېكسپورت ئاپرېل ئېيىدا ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %7.8 ئېشىپ، 13 مىليارد 869 مىليون دوللارغا يەتكەن.

يىلنىڭ دەسلەپكى تۆت ئېيىدىكى ئېكسپورت بولسا، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %8.6 ئېشىپ، 55 مىليارد 29 مىليون دوللارغا يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر