تۈركىيەنىڭ سامسۇن ۋىلايىتىدىن كۇۋەيتكە بىۋاسىتە ئۇچۇش باشلىنىدۇ

تۈركىيەنىڭ سامسۇن ۋىلايىتى بىلەن كۇۋەيت ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ ئىيۇن ئېيىدا باشلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

958536
تۈركىيەنىڭ سامسۇن ۋىلايىتىدىن كۇۋەيتكە بىۋاسىتە ئۇچۇش باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سامسۇن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىرفان گۆز، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، سامسۇن – كۇۋەيت ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش خىزمىتىنىڭ تاماملىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ 30 – ئاپرېل كۈنى كۇۋەيتتە ساياھەت شىركەتلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ھەمدە تونۇشتۇرۇش خىزمىتى ئىشلەيدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىرفان گۆز، تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن يازلىق خىزمەت مەۋسۇمىدا ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سامسۇن – كۇۋەيت ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ ئىيۇن ئېيىدا باشلىنىشىنى كۈتۈۋاتىمىز. بۇ، سامسۇننىڭ ساياھەت ۋە سودا ئىشلىرىغا نىسبەتەن مۇھىم ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدۇ. سامسۇن تەبىئىي، تارىخىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى بايلىقلىرى، دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋا، تۆمۈر يولى قاتناشلىرىنىڭ قولايلىقى بىلەن قارادېڭىز  رايونىنىڭ ئاساسلىق بازىسىدۇر. دەرۋەقە، سامسۇن تەبىئىي بايلىق مەنبەلىرى، ساغلاملىق ۋە دېڭىز ساياھىتى قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتتىن تاللاش خاراكتېرلىك ئەۋزەللىكلىرى بىلەن تېپىلغۇسىز ساياھەت رايونىدۇر.»

ئۇ يەنە، سامسۇن بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە ۋە رىياد شەھەرلىرىگە، شۇنداقلا، لىۋانغا بىۋاسىتە ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش يولىدا خىزمەت ئىشلىنىۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر