تۈركىيە - باڭلادېش قوشما ئىقتىسادىي كېڭىشى يىغىنىنىڭ يېقىندا چاقىرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى

باڭلادېشنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى م.ئەللامە سىددىقى، دۆلىتى مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 47 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇراسىمدا تۈركىيە - باڭلادېش مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالدى.

939216
تۈركىيە - باڭلادېش قوشما ئىقتىسادىي كېڭىشى يىغىنىنىڭ يېقىندا چاقىرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باڭلادېشنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى م.ئەللامە سىددىقى، دۆلىتى مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 47 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن زىياپەتتە سۆز قىلىپ، «ئالدىمىزدىكى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا قوشما ئىقتىسادىي كېڭىشى يىغىنى ئاچىمىز» دېدى.

باڭلادېش باش ئەلچىسى سىددىقى مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، باڭلادېش خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى يولىدا كۆرسىتىلگەن بۈيۈك پىداكارلىقلارنى مۇستەقىللىق كۈنى ئارقىلىق خاتىرىلىگەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، باڭلادېشنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر كاتېگورىيەسىگە كىرىشنىڭ بارلىق شەرتلىرىنى ئورۇندىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ يىل ئىقتىسادىنىڭ %8 ئېشىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

سىددىقى سۆزى جەريانىدا، باڭلادېشنىڭ تىنچلىقپەرۋەر بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە پەرقلىق مەدەنىيەتلەرنى ئۆزئارا مۇجەسسەملەشتۈرگەنلىكلىرىدىن ھەردائىم ئىپتىخارلىنىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

تۈركىيە بىلەن دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تارىخىنىڭ ئۇزۇن، يىلتىزىنىڭ چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن سىددىقى، «ئالدىمىزدىكى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا قوشما ئىقتىسادىي كېڭىشى يىغىنى ئاچىمىز. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ۋە (باڭلادېش باش مىنىستىرى) شەيخ ھاسىنا رەھبەرلىكىدە ئىككى دۆلەت كۈنسېرى بىر – بىرىگە يېقىنلاشماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر