ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە باج قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ سودا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى جېجىلىيا مالمسترۆم ئامېرىكانىڭ پولات ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا قوشۇمچە باج قويۇش پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

925615
ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە باج قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالمسترۆم بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا: «تەدبىر ئېلىنىدىغان ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز. بۇ ۋاقىتلىق تىزىملىكنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن مۇزاكىرە قىلىپ، پات ئارىدا ئامما بىلەن ئورتاقلىشىمىز. بۇ تىزىملىكتە پولات، سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بار» دېدى.

بۇ مەسىلىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئۈچ باسقۇچلۇق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن مالمسترۆم، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرى دائىرەسىدە باشقا دۆلەتلەر بىلەن تەڭ ماسلاشقان ھالدا بىر قاراشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، بۇ ئەھۋال مۇھىم ئىقتىسادىي تەسىر پەيدا قىلغان ئەھۋالدا يولغا قويۇلىدىغان تەدبىرلەرنى تەييارلاش ۋە ئىقتىسادىي تەسىرگە ئاساسەن ئامېرىكانىڭ باشقا مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مالمسترۆم ئامېرىكا يولغا قويىدىغان قوشۇمچە تاموژنا بېجىنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ: «ئامېرىكا يولغا قويماقچى بولغان باجلارنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدەلىرىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە، ئامېرىكانىڭ ھازىرچە تېخى رەسمىي قارار چىقارمىغانلىقىنى خاتىرىلەتتى ۋە مۇنداق دېدى:

«بۇ باجلار ياۋروپا ئىتتىپاقىغا زىيان بېرىدۇ، بۇ باجلارغا قارشى ئادىل ۋە تەڭ نىسبەتتە جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ.»

ئۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ياۋروپادا ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىللاردىن قوشۇمچە باج ئېلىنىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدىكى باياتى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى شىركەتلىرى ئامېرىكادا 2 مىليون ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىدۇ، بۇ شىركەتلەر ئامېرىكادا ئىش ئورنى يارىتىدۇ» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكاغا جاۋابەن %25 تاموژنا بېجى قويۇشنى پىلان قىلىنغان ۋاقىتلىق تىزىملىكتە، پىستە بادام قىيامى، پادىچى ئىشتان، موتوسىكلىت، پولات تۇرۇبا قاتارلىق نۇرغۇن مەھسۇلاتلار بار.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە سودىدىكى قورۇقچىلىق سىياسەتلىرى دائىرەسىدە، پولات ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىغا %25 قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا نىسبەتەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكانىڭ ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا بەزى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر