شەرقىي ئاق دېڭىزدا نېفىت بۇرغىلاش خىزمەتلىرى باشلاندى

«ئىقتىساد كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «شەرقىي ئاق دېڭىزدا نېفىت بۇرغىلاش خىزمەتلىرى باشلاندى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

885540
شەرقىي ئاق دېڭىزدا نېفىت بۇرغىلاش خىزمەتلىرى باشلاندى

شەرقىي ئاق دېڭىزدا نېفىت بۇرغىلاش خىزمەتلىرى باشلاندى

«ئىقتىساد كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «شەرقىي ئاق دېڭىزدا نېفىت بۇرغىلاش خىزمەتلىرى باشلاندى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي ئاق دېڭىز؛ ئېنېرگىيە جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرگە ساھىبخانلىق قىلماقتا. 2009 – يىلىدا خەلقئارالىق ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنىڭ رايوندا ئېلىپ بارغان گىندوكاربون ئىزدەش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە كەڭ كۆلەملىك تەبىئىي گاز زاپاسلىرىنىڭ بايقىلىشى، شەرقىي ئاق دېڭىزدە ئېنېرگىيە ئاكتىيورلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزدى. ئىسرائىلىيە، جەنۇبىي قىبرىس رىم تەرەپ ھاكىمىيىتى، مىسىر ۋە لىۋان رايوندا گىندوكاربون ئىزدەش پائالىيەتلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تىزلاشتۇردى. شەرقىي ئاق دېڭىزدا بىر - بىرىدىن پەرقلىق چوڭلۇقتا تەبىئىي گاز ساھەلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى.

2010 – يىلىدا ئىسرائىلىيەگە قاراشلىق ئىقتىساد رايونىدا بايقالغان «Leviathan» تەبىئىي گاز ساھەسى، 2011 – يىلىدا جەنۇبىي قىبرىس ئىقتىساد رايونىدا بايقالغان «Afrodit» تەبىئىي گاز ساھەسى، 2015 – يىلى مىسىر ئىقتىساد رايونىدا بايقالغان «Zohr» تەبىئىي گاز ساھەسى قاتارلىقلار رايوننىڭ ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تەبىئىي گاز زاپاسلىرى ھەم مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىستېمالىغا ئىشلىتىشلىشى، ھەم خەلقئارا بازارغا سېلىنىشى ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم مەنبە  ھېسابلىنىدۇ.

بىراق شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئىگە بولۇش ھەر دائىم ئۇ دۆلەتنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلمايدۇ. ئالدى بىلەن بۇ مەنبەنىڭ سودا بويۇمىغا ئايلاندۇرۇلۇشى، يەنى، خەلقئارا بازاردا تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن مۇناسىپ يۆنىلىش ۋە ئۆتۈشمە يوللىرى بولۇشى لازىم. يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي ئاق دېڭىز دۆلەتلىرىنىڭ ھەر بىرىنىڭ مەيلى دۆلەت ئىچى مەيلى خەلقئارا مۇنبەرلەردە كۈتەرتىپكە كېلىۋاتقان سىياسىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالماسلىقى، تەبىئىي بايلىق زاپىسىغا ئىگە بولۇشنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئىشلىتەلىشىنىڭ ئالدىغىمۇ چوڭ توسالغۇ بولىدۇ. بۇ قېيىنچىلىق سەۋەبىدىن شەرقىي ئاق دېڭىز رايونىدىكى دۆلەتلەر يەنە خېلى مەزگىلگىچە ئاۋارىچىلىقلارغا قالىدىغانلىقى ۋە شەرقىي ئاق دېڭىز تەبىئىي گازىنى سودا بويۇمىغا ئايلاندۇرالىشى ئۈچۈن يەنە بىر مەزگىل كۈتىشكە تۇغرا كېلىدىغانلىقى ئېنىق. جەنۇبىي قىبرىس رۇم تەرەپ ھاكىمىيىتى تۈركىيەنىڭ ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېتىرازلىرىغا قارىماستىن ئاق دېڭىزدا ئۆزبېشىمچىلىق بىلەن ساھە بەلگىلەپ، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى قىلىشى، رايوندا قاتتىق جىددىي كىرىزىسلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب  بولدى. جەنۇبىي قىبرىس رۇم تەرەپ ھاكىمىيىتىنىڭ ھازىرمۇ شىمالىي قىبرىسنىڭ ساھەسىىگە تاجاۋۇز قىلىشتەك قىلمىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى بولسا، مەسىلىلەرنىڭ ھېلىھەم ساقلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

دەرۋەقە تۈركىيە، رىم دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيەلىرىگە قەتئىي سۈكۈت قىلىپ تۇرمىدى. رايوندا چارلاش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىجازەتنامە چىقىرىپ، شەرقىي ئاق دېڭىزدا گېپى ئۆتىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم سىگناللارنى بەردى. ئارقىدىن بارباروس ھايرەتتىن ئىسىملىك تەۋرىتىپ تەكشۈرۈش پاراخوتىنى رايونغا ئەۋەتىپ، ئۇ يەردىكى خىزمەتلىرىنى باشلىدى.

تۈركىيە شەرقىي ئاق دېڭىزدىكى مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان مىللىي ئېنېرگىيە ۋە مەدەن سىياسىتى ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغان بولدى. بولۇپمۇ بۇ سىياسەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇل تاشلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسى دائىرىسىدە 2017 – يىلى ئاپرېل ئېيىدا بارباروس ھايرەتتىن ئىسىملىك پاراخوتىنىڭ قايتىدىن ئاق دېڭىزدا تەبىئىي گاز ئىزدەش خىزمەتلىرىنى باشلىشى بىلەن، تۈركىيەنىڭ ئاق دېڭىزدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرغانلىقىنى ئېيتىشىمىز مۇمكىن.

يېقىندا تۈركىيەگە كەلتۈرۈلگەن Deepsea Metro-2 ناملىق بۇرغىلاش پاراخوتى بولسا، يېقىنقى بىر يىلدا ئاق دېڭىزدا سۈرئىتى ئاشقان تەبىئىي گاز ئىزدەش خىزمەتلىرىنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەھۋال تۈركىيەنىڭ ئاق دېڭىزدا ئاكتىپ پائالىيەت باشلايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. 2018 – يىلىنىڭ دەسلەپكى ئايلىرىدا تۈركىيەنىڭ ئاق دېڭىزدىكى تۇنجى بۇرغىلاش قۇدۇقىنى ئېچىش ئېھتىمالى بار.

تۈركىيەنىڭ ئاق دېڭىزدىكى بۇ پائالىيەتلىرى ئىجابىي نەتىجە ياراتقان تەقدىردە، ئوتتۇرا مەزگىلدە ئىچكى بازارلارغا ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ. شەرقىي ئاق دېڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ قىسقا مەزگىللىك ئۈنۈمى مۇھاكىمە قىلىنغىنىدا، تۈركىيەنىڭ رايون دۆلەتلىرىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر نۇقتىغا جايلاشقانلىقىنى ئەسكەرتىشكە توغرا كېلىدۇ.

تۈركىيە جۇغراپىيەلىك ئورنى سۇنغان پۇرسەتنى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇقىملىق بىلەن مۇستەھكەملىگەن بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەبىئىي گازىنى بالدۇرراق سېتىشنى خالايدىغان شەرقىي ئاق دېڭىز دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇۋاپىق چىقىش ئېغىزى ھېسابلىنىدىغان بىر رايونغا جايلاشماقتا. قۇرۇلۇش خىزمەتلىرى ئاخىرىقى باسقۇچقا كېلىپ قالغان تاناپ، قۇرۇلۇشى سۈرئەت بىلەن داۋاملىشىۋاتقان تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى، تۈركىيەنى رايوننىڭ تەبىئىي گاز سودىسىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان دۆلەتكە ئايلاندۇردى.

ھازار ۋە رۇسىيەدىن كەلگەن گازنىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم تەلەپ رايونى بولغان ياۋروپا بازىرىغا تۈركىيە ئارقىلىق ئۆتىدىغان بولۇشىنىڭ ئۆزىلا شەرقىي ئاق دېڭىز دۆلەتلىرىگە ئەڭ مۇۋاپىق يول ھېسابلىنىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر