قازاقىستاننىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشىدا ئېشىش كۆرۈلدى

قازاقىستاننىڭ بۇ يىللىق مۆلچەرلىنىۋاتقان 81 مىليون توننا نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ %5.5 ئېشىپ 85 مىليون 500 مىڭ توننىغا يېتىش ئېھتىمالى بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

857646
قازاقىستاننىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشىدا ئېشىش كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرى قانات بوزۇمبايېۋ، قازاقىستانىسكايا پراۋدا گېزىتىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، «بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا 81 مىليون توننا نېفىت ئىشلەپچىقىرىش پىلانلىنىۋاتاتتى. بىراق، كاھاگان، تەنگىز ۋە قاراچاگاناكقا ئوخشاش چوڭ قۇرۇلۇشلار سايىسىدا نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يىل ئاخىرىدا 85 مىليون 500 مىڭ توننىغا يېتىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

قازاقىستاندا يانۋار – ئۆكتەبىر ئايلىرى ئارىسىدا 71 مىليون 100 مىڭ توننا نېفىت ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بوزۇمبايېۋ، بۇنىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %11.4 ئاشقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مىنىستىر بوزۇمبايېۋ، مۇشۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 10 ئايلىق مەزگىلىدە قازاقىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان تەبىئىي گازنىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، %15.6 ئېشىپ 43 مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىرغا يەتكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر