تۈركىيە، ئىران ۋە قاتار تىرانسپورت ساھەسىدە كېلىشىم تۈزدى

تۈركىيە، قاتار ۋە ئىراننىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىرى ترانپسورت ساھەسىدە كېلىشىم تۈزدى.

855410
تۈركىيە، ئىران ۋە قاتار تىرانسپورت ساھەسىدە كېلىشىم تۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، ئىران ۋە قاتار ئارىسىدا سودا ماللىرىنى يۆتكەش ۋە توشۇشنى مەزمۇن قىلغان كېلىشىم، تۈركىيە ئىقتساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى، ئىران مەدەن، سانائەت ۋە سودا ئىشلىرى مىنىستىرى مۇھەممەد شەرىئاتمەدارى ۋە قاتار ئىقتىساد ۋە سودا ئىشلىرى مىنىستىرى شەيخ ئەھمەد بىن جاسىم بىن مۇھەممەد ئەلى سانى قاتارلىق مىنىستىرلار تەرىپىدىن ئىمزالاندى.

ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق تىرانسپورتچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرۇشتىن سىرت ئۈچ دۆلەت ئارىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنى كېڭەيتىشتىمۇ رول ئوينايدۇ.

ئۈچ دۆلەت ئارىسىدا ئورتاق خىزمەت گۇرۇپىسى تەشكىل قىلىش مەزمۇن قىلىنغان كېلىشىمدە يەنە ھەر يىلى ئۈچ قېتىم باھالاش يىغىنى ئۆتكۈزۈشمۇ قارار قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر