چەت ئەللىكلەرگە ئۆي سېتىش نىسبىتى ئاشقان

تۈركىيەدە چەت ئەللىكلەرگە ئۆي سېتىش نىسبىتىنىڭ 2016-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا داۋاملىق ئېشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

853997
چەت ئەللىكلەرگە ئۆي سېتىش نىسبىتى ئاشقان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆكتەبىر ئېيىدا چەت ئەللىكلەرگە 2 مىڭ 677 ئۆي سېتىلغان بولۇپ، بۇ ئۆتكەن (2016) يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %70.9 ئاشقان. بۇ رەقەم 2013-يىلى يانۋار ئېيىدىن تارتىپ ئايلىق نىسبەت بويىچە ھېسابلىغاندا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنىڭ كۆرسەتكۈچى بولغان.

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئۆي-زېمىن سېتىش رەقەملىرىگە ئاساسلانغاندا، 2016-يىل ئۆكتەبىر ئېيىدا چەت ئەللىكلەرگە 14 مىڭ 776 دانە ئۆي سېتىلغان بولۇپ، بۇ رەقەم 2017-يىل ئۆكتەبىر ئېيىدا بولسا 17 مىڭ 918 گە يەتكەن. 2017-يىل يانۋاردىن ئۆكتەبىر ئېيىغىچە ھېسابلىغاندا ئۆي سېتىش نىسبىتى %21.3 ئاشقان.

بىلدۈرۈلىشىچە، چەت ئەللىكلەرگە ئۆي سېتىش نىسبىتى مۇقىم نىسبەتتە ئېشىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئېيىدىمۇ بۇ نىسبەتنىڭ داۋاملىق ئاشىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا ئىكەن.

ئۆزيۇرتلار گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ باش مۇدىرى تامەر ئۆزيۇرت پارس قولتۇقى رايونىدا خاتىرجەمسىزلىك ۋە مۇقىمسىزلىقنىڭ ئېشىشى بىلەن، تۈركىيەگە بولغان قىزىقىشنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ئەسكەرتپ: «تۈركىيە چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن ھازىرمۇ جەلپ قىلارلىق ۋە بىخەتەر بازار ھېسابلىنىدۇ، رەقەملەر بۇنى كۆرسەتمەكتە» دېگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر