ئەنقەرە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە بېرىلىغان فوندىنى قىسقارتىش توغرىسىدىكى قارارىغا باھا بەردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرىچى ئۆمەر چەلىك، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە بېرىپ كېلىۋاتقان فوندىنى قىسقارتىشىنىڭ بىر يىراقنى كۆرەلمەسلىك ھادىسىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

850814
ئەنقەرە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە بېرىلىغان فوندىنى قىسقارتىش توغرىسىدىكى قارارىغا باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئۆمەر چەلىك، كانادادا ئۆتكۈزۈلگەن 9 – نۆۋەتلىك ھالىفاكس خەلقئارا خەۋپسىزلىك مۇنبىرى يىغىنىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە مۇخبىرلارنىڭ كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە بېرىلىدىغان فوندىنى قىسقارتىشنى قارار قىلغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقىنى، ئەمما، 105 مىليون ياۋرو قىسقارتىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«105 مىليون ياۋرونى قىسقارتىش تۈركىيەگە نىسبەتەن مالىيە نۇقتىسىدىن ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ» دېگەن چەلىك، تۈركىيەنىڭ 2014 – 2020 – يىللىرى ئارىسىدا 4 يېرىم مىليارد ياۋرو ياۋروپا فوندى ئىشلىتىدىغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، بىر تەرەپتىن بۇ پۇلنىڭ تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا يېقىنلىشىشى ئۈچۈن بېرىلىشىنىڭ پىلانلانغانلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ فوندىنىڭ قىسقارتىلىپ ئېغىر يىراقنى كۆرەلمەسلىك ھادىسىسىنى نامايان قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى.

چەلىك، «بۇ قارارلارنى چىقارغانلار، بۇنىڭ ئاستىغا ئىمزا قويغانلار، ئۆتمۈشتە كۆرگىنىمىزدەك كېلەچەكتىمۇ پەقەت بىر يىراقنى كۆرەلمەسلىك ھادىسىسىگە ئىمزا قويغان بولۇپ كۆرۈنىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر