«ياۋروپا بانكىسىنىڭ تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىش ئىرادىسى قەتئىي»

ياۋروپا گۈللىنىش ۋە تەرەققىيات  بانكىسى تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلىدى.

835035
«ياۋروپا بانكىسىنىڭ تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىش ئىرادىسى قەتئىي»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندونغا جايلاشقان بانكا تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «بانكىمىز ئىزچىل تۈردە تۈركىيەگە مەبلەغ سالماقتا، جۈملىدىن  بانكىمىز تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلىرىمىزدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىماقتا. تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنىڭ ساغلاملىقى ۋە مەبلەغ سېلىش ئەۋزەللىكلىرىنىڭ ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدە بولۇشى قاتارلىق ئارتۇقچىلىقلىرى بانكىمىزنىڭ داۋاملىق تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشىدا تۈرتكلىك رول ئوينىماقتا. بانكىمىز ھازىرغىچە تۈركىيەگە 9.5 مىليارد ياۋرودىن ئارتۇق مەبلەغ سالدى. بانكىمىز بۇ يىل تۈركىيەدە 1 مىليارد ياۋرو قىممىتىدىكى 30 لايىھەنى ئىشقا ئاشۇردى. بانكىمىزنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرغىچە تۈركىيەدىكى سېلىنمىلىرىنىڭ 1 يېرىم مىليارد ياۋرودىن ئېشىشىنى كۈتۈۋاتىمىز.»

دۇنيا مەتبۇئاتلىرى گېرمانىيەنىڭ  ياۋروپا گۈللىنىش ۋە تەرەققىيات  بانكىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم بانكىلار ۋە ئورۇنلارنىڭ تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىش پائالىيەتلىرىنى ئازايتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر