تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشى پۈتۈشكە ئاز قالغاندا...

«دۇنيا ئىقتىسادى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانى بويىچە پىروفېسسور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشى پۈتۈشكە ئاز قالغاندا...» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

824844
تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشى پۈتۈشكە ئاز قالغاندا...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 2016 – يىلى 10 – ئۆكتەبىردە تۇنجى قېتىملىق ئىمزالىرى قويۇلغان تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشى سۈرئەت بىلەن داۋام قىلماقتا. قۇرۇلۇشنىڭ دېڭىز قىسمىغا ئالاقىدار مۇھىت تەسىرى مۇھاكىمە دوكلاتى تۈركىيە تەرىپىدىن ماقۇللاندى. دوكلاتتا، مۇھىت ۋە جەمئىيەتكە كۆرسەتكۈسى تەسىرلىرىدىن كۆپرەك قۇرۇلۇشنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىگە دائىر باھالار ئورۇن ئالدى.

رۇسىيەدىن باشلىنىپ قارا دېڭىزنى بېسىپ ئۆتۈپ تۈركىيە تەۋەلىكىگە قەدەم باسقان تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى، رۇسىيە تەبىئىي گازىنى بىرىنچى قەدەمدە تۈركىيەگە، تۈركىيەدىن تەبىئىي گازنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىستېمال بازىرى بولغان ياۋروپاغا يەتكۈزىدۇ. ئىككى ئايرىم تۇرۇبا ئارقىلىق تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدىغان لىنىيە، ئىككى قۇرۇقلۇق ۋە ئىككى دېڭىز  بۆلۈمىدىن تەشكىل تاپىدۇ. 2017 – يىلى دېڭىزدىكى قىسمىنىڭ قۇرۇلۇشى باشلىغان لايىھەنىڭ ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 31 يېرىم مىليارد كۇب مېتىر، دەپ بېكىتىلدى.

دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولغان رۇسىيە، ئىلكىدىكى تەبىئىي گاز زاپىسىنى دۇنيا بازارلىرىغا سېلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يوللىرىنى تېپىپ چىقىپ ئوخشاش بولمىغان بازارلارغا كىرىشنى پىلانلىماقتا. مەزكۇر يوللارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۈنتەرتىپتە بولۇۋاتقىنى تۈركىيە بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ داۋاملىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە سىياسەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقا بولىدۇ.

تۈركىيەگە ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە گېئوپولىتىكىلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەش جەھەتتە ناھايىتى مۇھىم پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەرگەن تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشى، رۇسىيەگە بولسا، تۈركىيەگە ئوخشاش مۇھىم بىر سودا شېرىكى بىلەن ئېكسپورتىنى داۋاملاشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە تەلەپ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش جەھەتتىمۇ ئەستايىدىل ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بۇ قۇرۇلۇش ئارقىلىق روشەن كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

ئالدىمىزدىكى يىللاردا تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە يېتىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان تەبىئىي گاز ئىستېمالىنىڭ تۈركىيەدەك تەبىئىي گازدا سىرتقا بېقىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىمپورت سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئەكس ئېتىشى كۈتۈلمەكتە. تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2016 – يىلى 42 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىستېمال قىلغانلىقى نەزەردە تۇتۇلىدىغان بولسا، تەبىئىي گاز ئىستېمالىنىڭ ئالدىمىزدىكى يىللاردا بارغانچە ئاشىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىشقا بولىدۇ.

بۇ دائىرىدە تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان سىغىمچانلىقى بىلەن كۈچىيىۋاتقان تەبىئىي گاز تەلىپىنى قاندۇرۇش يولىدىكى مۇۋاپىق بىر لايىھە سۈپىتىدە ئالدىمىزغا چىقىدۇ. بۇ قۇرۇلۇشقا تۈركىيەدىكى ئېشىۋاتقان تەبىئىي گاز تەلىپىنى قاندۇرۇش بىلەن بىرگە، تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە سودىسىدا مەركەز دۆلەت بولۇش تىرىشچانلىقلىرىنىڭمۇ كونكرېت بىر قەدىمى، دەپ قاراشقا بولىدۇ.

جۇغراپىيەلىك ئورنى جەھەتتىن ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە يېقىن بولغان تۈركىيە، بىردىن كۆپ ئېنېرگىيە ئۆتۈشۈش يولىغا ساھىبخان بولۇش بىلەن بىرگە، قۇرۇلۇشلىرى داۋاملىشىۋاتقان تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەلىرى بىلەنمۇ ئېنېرگىيەنىڭ مەركىزى بولۇش مۇساپىسىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنىمۇ قولغا كەلتۈرمەكتە. شۇڭا دۇنيا ئېنېرگىيە بازىرىدا تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە سودىسىدا مەركەز دۆلەت بولۇش نىشانىنىڭ مەزكۇر قۇرۇلۇش ۋە لايىھەلەر سايىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر مەنىگە ئىگە بولىدىغانلىقى چىقىپلا تۇرىدۇ.

ئەلۋەتتە، بۇ نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەش جەريانىدا ئېنېرگىيە ئاكتىيورلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە ئۇنى سىجىللىققا ئىگە قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەستىن چىقارماسلىق لازىم. مەسىلەن، رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى بۇ باسقۇچقا ئېلىپ كەلگەن ئامىل يالغۇز تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشىلا ئەمەس. 1997 – يىلى ئىمزالانغان «تەبىئىي گاز ئېلىم – سېتىم كېلىشىمى» دائىرىسىدە قۇرۇلغان ماۋى ئېقىم تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىگە قاراپ، ئىككى دۆلەت ئېنېرگىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە تايىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، 2010 – يىلى ئىمزالانغان ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى لايىھەسى، تۈركىيە – رۇسىيە ئېنېرگىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەبىئىي گاز سىرتىدىكى ساھەلەردىمۇ گۈللەندۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

خۇلاسىلىگەندە، تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار خىزمەتلەر، دېڭىز قىسمىغا ئالاقىدار مۇھىت مۇھاكىمىسى دوكلاتىنىڭ ماقۇللىنىشى بىلەن بىرلىكتە ئىجابىي رەۋىشتە داۋاملاشتۇرۇلماقتا. بۇ مۇساپىدە دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە يەتكۈزۈپ بەرگۈچى ۋە تەلەپ قىلغۇچى دۆلەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان تۈركىيە، قۇرۇلۇش دائىرىسىدە قولغا كەلتۈرىدىغان پۇرسەتلەردىن ئېنېرگىيەدە مەركەز دۆلەت بولۇش يولىدا ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇنى ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشى لازىم.

مەيلى ئېنېرگىيە مەنبەسى ۋە ئېنېرگىيە بازارلىرىدا يارىتىلىدىغان كۆپ خىللىق، مەيلى ئېنېرگىيە پاي چېكى بازىرىغا سېلىنىدىغان سېلىنمىلار سايىسىدا بولسۇن، تۈركىيە بۇ پۇرسەتلەرنى ئۇزۇن مەزگىللىك ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرالىشى مۇمكىن. يەنە بۇنىڭ سايىسىدا، تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە بازارلىرىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ ۋە ئېنېرگىيە سودا مەركىزى بولۇش يولىدا دادىل قەدەملەرنى تاشلاپ ئىلگىرىلەيدۇ.

بۇ، نېمىشقا شۇنداق بولمىسۇن؟!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر