S&P، تۈركىيە ئىقتىسادىغا ئالاقىدار مۆلچەرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى
خەلقئارا ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش شىركىتى – S&P، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشىغا ئالاقىدار مۆلچەرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى.
![S&P، تۈركىيە ئىقتىسادىغا ئالاقىدار مۆلچەرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/652d/ad3b/9c4a/584a5f6d7b3f0.jpg?time=1719352199)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش شىركىتى – S&P نىڭ 9 – ئايلىق دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئالاقىدار دوكلاتى ئېلان قىلىندى. دوكلاتنىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىغا ئالاقىدار يېڭى مۇھاكىمىلەر ئورۇن ئالغان قىسمىدا، تۈركىيەنىڭ 2017 – يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىشىغا ئالاقىدار مۆلچەرنىڭ %4.7 دىن %5.5 گە چىقىرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
تۈركىيەدىكى ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ S&P نىڭ تەخمىنلىرىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن دوكلاتتا، 2017 – يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىشقا ئالاقىدار مۆلچەرنىڭ ئىيۇل ئېيىدىكى %4.7 دىن %5.5 غا چىقىرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
دوكلاتتا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقى، نۆۋەتتە 2010 – يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/74b5/efb2/3a9b/666a9d4a83e85.jpg?time=1719352199)
تۈركىيە نېفىت شىركىتى ئاقدېڭىزدا نېفىت ئىزدەيدۇ
تۈركىيە يېڭى نېفىت ساھەلىرىدە نېفىت ئىزدەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.