S&P، تۈركىيە ئىقتىسادىغا ئالاقىدار مۆلچەرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى
خەلقئارا ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش شىركىتى – S&P، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشىغا ئالاقىدار مۆلچەرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش شىركىتى – S&P نىڭ 9 – ئايلىق دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئالاقىدار دوكلاتى ئېلان قىلىندى. دوكلاتنىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىغا ئالاقىدار يېڭى مۇھاكىمىلەر ئورۇن ئالغان قىسمىدا، تۈركىيەنىڭ 2017 – يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىشىغا ئالاقىدار مۆلچەرنىڭ %4.7 دىن %5.5 گە چىقىرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
تۈركىيەدىكى ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ S&P نىڭ تەخمىنلىرىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن دوكلاتتا، 2017 – يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىشقا ئالاقىدار مۆلچەرنىڭ ئىيۇل ئېيىدىكى %4.7 دىن %5.5 غا چىقىرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
دوكلاتتا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقى، نۆۋەتتە 2010 – يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.