تۈركىيە ئىقتىسادى گۈللىنىش سۈرئىتىنى ئاشۇردى

«دۇنيا ئىقتىسادى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانى بويىچە پىروفېسسور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «تۈركىيە ئىقتىسادى گۈللىنىش سۈرئىتىنى ئاشۇردى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

810732
تۈركىيە ئىقتىسادى گۈللىنىش سۈرئىتىنى ئاشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2017 – يىلىنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە %5.1 لىك ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەن تۈركىيە ئىقتىسادى، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئۈزلۈكسىز ئېشىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۈچىنچى چارەكتە تېخىمۇ يۇقىرى ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈمىدى ياراتتى. 2016 – يىلى يۈز بېرىپ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ ئىقتىسادقا يەتكۈزگەن ئېغىر زەربىسى، شۇ يىلنىڭ ئۈچىنچى چارىكىدە ئىقتىسادىي تارىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.

قانداقلا بولمىسۇن، ھۆكۈمەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشلىرى سايىسىدا، بۇ ۋەقەنىڭ سەلبىي تەسىرلىرى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئارقىدا قالدۇرۇلدى ۋە تۈركىيە ئىقتىسادى گۈللىنىشىنى توختاپ قالغان جايىدىن داۋاملاشتۇردى. 2017 – يىلىنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىقتىسادىي ئېشىشقا دائىر سانلىق مەلۇماتلارغا تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ بۇ مۇساپىدە نامايان قىلغان ئۇتۇقلىرىنىڭ مەھسۇلى، دەپ باھا بېرىشكە بولىدۇ.

بۇ مەزگىلدە تۈركىيە ئىقتىسادى قولغا كەلتۈرگەن ئېشىش سۈرئىتى ئىچكى بازارلاردا ئىجابىي تەسىرىنى ھېس قىلدۇرغان بولسا، دۇنيا بازارلىرىدىمۇ ماس يۆنىلىشكە سەۋەب بولدى. 2017 – يىلىنىڭ ئىككىنچى چارىكىدىكى ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتىگە نەزەر سېلىنغىنىدا، بىرىنچى رەتنى %6.9 لىك ئېشىش بىلەن خىتاي، ئىككىنچى رەتنى %5.7 لىك ئېشىش بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىگىلىگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچلىرى ھېسابلىنىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا ئەللەر رەت تەرتىپىدە خىتاي بىلەن ھىندىستاندىن قالسىلا، تۈركىيە %5.1 لىك ئېشىش بىلەن ئەڭ كۈچلۈك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغان دۆلەت بولدى. دېمەك، 2017 – يىلىنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ دۇنيا ئىقتىساد سەھنىسىدە ناھايىتى مۇھىم ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتىش مۇمكىن.

بۇ مەزگىلدىكى ئېشىش نىسبەتلىرىگە ساھەلەر بويىچە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇچۇر – ئالاقە ساھەسىنىڭ %10.1 لىك ئېشىش بىلەن ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالغانلىقىنى كۆرىمىز. ئارقىدىن %9.4 لىك ئېشىش بىلەن مالىيە ۋە سۇغۇرتا پائالىيەتلىرى، ئۇنىڭدىن كېيىن %6.8 لىك ئېشىش بىلەن قۇرۇلۇش ساھەسى ئورۇن ئالدى. سانائەت ساھەسى %6.3 لىك ئېشىش بىلەن ئەڭ تېز ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەن تۆتىنچى ساھە بولدى. سانائەت ساھەسى قولغا كەلتۈرگەن ئېشىش، كۈچىيىشكە يۈزلەنگەن تۈركىيە ئىقتىسادىغا نىسبەتەن مۇھىم بىر ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدۇ.

بۇ مەزگىلدىكى ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنبەلىرىنىڭ بىرىنى كىرېدىت كاپالەت فوندى شەكىللەندۈردى. كىرېدىت كاپالەت فوندى كىرېدىتلىرىنىڭ كىچىك كارخانىلارنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىشى، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ناھايىتى روشەن ئېشىشىنى مەيدانغا كەلتۈردى. سانائەت ساھەسىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە %6.3 لىك ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈشىمۇ بۇنىڭ ئەڭ روشەن ئۈلگىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئەلۋەتتە، ئىشلەپچىقىرىشتىكى بۇ مۇسبەت ئىلگىرىلەش تەلەپتىكى ئېشىش نەتىجىسىدە روياپقا چىققانلىقى ئۈچۈن، ئېكسپورتقا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنىمۇ ئايرىم مۇلاھىزە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. 2017 – يىلىنىڭ ئىككىنچى چارىكىدىكى ئېشىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىرىنىڭ بىرىنى ئېكسپورتتىكى ئېشىش شەكىللەندۈردى. 2017 – يىلىنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە ئېكسپورت ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، %10.5 ئاشتى. ئېكسپورتتىكى بۇ ئېشىشنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرىنى كىرېدىت كاپالەت فوندى تەمىنلىگەن مەنبەلەر شەكىللەندۈرىدۇ.

ئىقتىسادىي ئېشىشنى سىجىللىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، كىرېدىتلەرنى ئېكسپورتتا قوشۇمچە قىممەتنى ئاشۇرىدىغان ساھەلەرگە يۈزلەندۈرۈشكە توغرا كېلىشى مۇمكىن. چۈنكى، ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ مۇئەييەن مۇقىملىققا ئىگە بولۇشى ۋە خەلقئارا رىقابەت سەۋىيەسىگە يېتىشىنىڭ يولى، قوشۇمچە قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ئېكسپورتتا كۆرۈلگەن بۇ ئېشىش بىلەن بىرلىكتە، ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ ئىچكى ئىستېمالدىنمۇ بەكرەك ئېكسپورت مەركەزلىك ھالەتكە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىشىمىز مۇمكىن.

ئېكسپورتتىن باشقا ئېشىشنىڭ يەنە بىر بۆلىكى ھېسابلىنىدىغان سېلىنما ساھەسىدىمۇ بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە %9.5 لىك ئېشىش كۆرۈلدى. بۇ يەردە، ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدىن كېيىن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان مۇقىملىق ۋە ئىشەنچ مۇھىتىنىڭ سېلىنمىلارغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ۋە چەت ئەل سەرمايىسى ئۈچۈنمۇ مۇۋاپىق شەرت – شارائىت ھازىرلىغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، سېلىنمىنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشقا قوشقان بۇ تۆھپىسىنى ئىزچىللىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئۇزۇن مۇددەتلىك سېلىنمىلارنىڭ ئاشۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنىمۇ خاتىرىلىتىپ ئۆتۈش لازىم.

خۇلاسىلىگەندە، تۈركىيە ئىقتىسادى 2017 – يىلىنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقىنى ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردىمۇ ئوخشاش سۈرئەتتە داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، ئۈچىنچى چارەك ۋە يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتىگە ئالاقىدار ئىجابىي مۆلچەرلەر تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ 2017 – يىلىنى ئوتتۇرا مەزگىللىك پىلان بويىچە تەخمىنەن %4.4 تىن خېلىلا يۇقىرى نىسبەتتە ئېشىش بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش ئېھتىمالى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر