قاتار بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا يېڭى دېڭىز يولى لىنيەسى ئېچىلدى

قاتار پايتەختى دوھادىكى ھامىد پورتى بىلەن پاكىستاننىڭ كاراچى پورتى ئوتتۇرىسىدا يېڭى دېڭىز يولى لىنيەسىنىڭ ئېچىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

789456
قاتار بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا يېڭى دېڭىز يولى لىنيەسى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا دېڭىز يولى لىنيەسى ئېچىلدى. قاتار دۆلەت تارمىقىدىكى «قاتار پورت باشقۇرۇش شىركىتى» تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، پايتەخت دوھادىكى ھامىد پورتى بىلەن پاكىستاننىڭ كاراچى پورتى ئوتتۇرىسىدا ھەپتىلىك دېڭىز قاتنىشىنىڭ باشلانغانلىقى ۋە بۇ دائىرىدە 1200 كانتىنىرلىق يۈك پاراخوتىنىڭ كاراچىدىن قاتارغا قاراپ يولغا چىققانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى پاراخوت سەپەرلىرىنىڭ قاتار قاتناش ۋە ئۇچۇر-ئالاقە مىنىستىرلىقىنىڭ ھامىد پورتىنىڭ خەلقئارا ھەمدە رايوندىكى مۇھىم ئورنىنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىش تىرىشچانلىقلىرى دائىرىسىدە ئەمەلگە ئاشقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

باياناتتا، بۇ قەدەمنىڭ پاكىستان بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين، مىسىر ۋە يەمەن 5-ئىيۇن «تېررورلۇقنى قوللىغانلىقى» ۋە «دۈشمەنچە پوزىتسىيە نامايان قىلغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتار بىلەن بولغان بارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزگەنلىكلىرىنى جاكارلىغان. قاتارغا ھاۋا تەۋەلىكىنىمۇ تاقىغان بۇ تۆت دۆلەت، قاتار دىپلوماتلىرىنى چېگرادىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارغا قۇرۇقلۇق چېگراسىنىمۇ تاقىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر