ياۋروپا ئىتتىپاقى: ئامېرىكىغا قارىتا ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى جانكېر، رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگولارنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى توغرىسىدا توختالدى.

782778
ياۋروپا ئىتتىپاقى: ئامېرىكىغا قارىتا ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى جانكېر، رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگولارنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى توغرىسىدا توختىلىپ، «بىز تەييار، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قارىتا ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك ۋە بۇنى قىلىمىز» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى جانكېر، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ماقۇللانغان، رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈش مەزمۇن قىلىنغان يېڭى قانۇننىڭ ياۋروپانىڭ ئەندىشىلىرىنى نەزەرگە ئالغانلىقىنى، بىراق بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىگە زىيان يەتكۈزگەن ئەھۋالدا، بىر قانچە كۈن ئىچىدە قايتۇرما ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلىپ، «بىز تەييار، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قارىتا ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك ۋە بۇنى قىلىمىز. بەلگىلىمە، ياۋروپانىڭ مەنپەئەتلىرىگە زىيان يەتكۈزىدىغان شەكىلدە ئىجرا قىلىنسا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇنىڭغا بىر قانچە كۈن ئىچىدە يېتەرلىك دەرىجىدە جاۋاب قايتۇرۇشقا تەييار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرى، رۇسىيەدىن گېرمانىيەگە تەبىئىي گاز يەتكۈزۈلىدىغان شىمالىي ئېقىم تۇرۇبا لىنىيەسىگە ئوخشاش چوڭ قۇرۇلۇشلىرىغا مەبلەغ سالغان ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچراپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر