نېفىت باھاسى ئۆسۈشكە قاراپ يۈزلەندى

برېنت نېفىتىنىڭ ۋارىل باھاسى ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىپ، 48 دوللارغا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

762291
نېفىت باھاسى ئۆسۈشكە قاراپ يۈزلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: برېنت نېفىتىنىڭ ۋارىل باھاسى ھەپتىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە 48 دوللارغا قاراپ ئۆسۈشكە يۈزلەندى. تۈنۈگۈن (29-ئىيۇن) برېنت نېفىتىنىڭ ۋارىل باھاسى يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىپ، 47.36 دوللاردىن كۈن ئىچىدە 48.1 دوللارغا يەتكەن ئىدى. بۈگۈن (30-ئىيۇن) ئەتىگەن بولسا، 47.59 دوللاردىن باشلىغان برېنت نېفىتىنىڭ ۋارىل باھاسى %0.65 ئېشىپ، 47.90 دوللار بولدى. غەربىي تېكساس خام نېفىتىنىڭ ۋارىل باھاسى 45.22 دوللاردىن سېتىلدى.

مۇتەخەسسىسلەر، برېنت نېفىتىدا 48.30 دوللاردىن 48.60 دوللارغىچە بولغان ئارىلىقنىڭ تىركىشىش سەۋىيەسى، 47.30 دوللاردىن 46.15 دوللارغىچە بولغان ئارىلىقنى ياردەم سەۋىيەسى سۈپىتىدە كۆرۈشكە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر