ئالبايراق: مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئاق دېڭىزدا بۇرغىلاش پائالىيىتىنى باشلايمىز

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، تۈركىيەنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئاق دېڭىزدا تۇنجى بۇرغىلاش خىزمىتىنى باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

748982
ئالبايراق: مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئاق دېڭىزدا بۇرغىلاش پائالىيىتىنى باشلايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى دېڭىز تەۋەلىكىدە يەر تەۋرىتىش ئارقىلىق ئۆلچەش - تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىيە نېفىتلىرى ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ بارباروس ھايرەتتىن پاشا پاراخوتىنى كۆزدىن كەچۈردى.

مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە كەم دېگەندىمۇ ئىككى ياكى ئۈچ ئورۇننىڭ يەر تەۋرىتىپ تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئالبايراق، تۈركىيەنىڭ ئۆز پاراخوتلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئاق دېڭىز ۋە قارا دېڭىزدا بۇرغىلاش پائالىيىتىنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆلچەش – تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىدىن سىرت، بۇرغىلاش ئىشلىرىغىمۇ كۆپلەپ مەبلەغ سېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مىنىستىر ئالبايراق، تۈركىيەنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى دېڭىز تەۋەلىكىدىمۇ ئىزدەش – تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى ئاكتىپ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر