فىلىپپىندىكى بىر بانكىدا نۇرغۇن پۇل يۇقاپ كەتتى

فىلىپپىندا بانكىغا ياتقۇزۇلغان پۇللار يوقاپ كەتتى؛ فىلىپپىن ئاراللىرى بانكىسى (BPİ)، بانكا سىستېمىسىدىكى تېخنىكىلىق كاشىلا تۈپەيلى خېرىدارلىرىنىڭ ھېساباتلىرىدىكى پۇللارنىڭ تەستىقسىزلا باشقا ھېساباتلارغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

747641
فىلىپپىندىكى بىر بانكىدا نۇرغۇن پۇل يۇقاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەزكۇر كاشىلا تۈپەيلى كۆرۈلگەن زىياننىڭ مىڭلارچە دوللارغا يەتكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا؛ ھەتتا، بەزى خېرىدارلار ھېساباتلىرىدىكى پۇللارنىڭ ھەممىسىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

فىلىپپىن ئاراللىرى بانكىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى سېزار كونسىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلىغا چىقىپ، بۇ مەسىلە تۈپەيلى كەچۈرۈم سوردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بۇ بىر تور ھۇجۇمى ئەمەس، سىستېمىمىزدا كۆرۈلگەن بىر مەسىلە. ئالدىمىزدىكى سائەتلەردە ھېساباتلارنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولىمىز» دېدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇدا دەردىنى بايان قىلغان خېرىدارلارنىڭ بەزىلىرى 4 مىڭ پېسو (80 دوللار)، بەزىلىرى 100 مىڭ پېسولىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

2016 – يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خېرىدار سانى 8 مىليونغا يەتكەن، 165 يىللىق تارىخقا ئىگە فىلىپپىن ئاراللىرى بانكىسى تۋىتتېر ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئېلېكتىرونلۇق بانكىچىلىق خىزمەتلىرىنىڭ مەسىلە بىر تەرەپ بولۇپ بولغۇچە توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇ قارار، ھېساباتلىرىنىڭ مەزكۇر كاشىلىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان ياكى ئۇچرىمىغانلىقىنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق تەكشۈرمەكچى بولغانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر