ياۋروپا ئىتتىپاقى Moody’s قا 1.24 مىليون ياۋرو جەرىمانە قويدى

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قاراشلىق ياۋروپا كۆچمە مۈلۈك ۋە پۇل – مۇئامىلە كومىتېتى كىرېدىتنى دەرىجىگە ئايرىش ئورگىنى Moody’s قا 1.24 مىليون ياۋرو جەرىمانە قويدى.

743926
ياۋروپا ئىتتىپاقى Moody’s قا 1.24 مىليون ياۋرو جەرىمانە قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كومىتېت تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە،  2011 – يىلى ئىيۇندىن 2013 – يىلى دېكابىرغىچە Moody’s نىڭ گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيەدىكى ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى  ياۋروپا سېلىنما بانكىسى، ياۋروپا سېلىنما فوندى، ياۋروپا مۇقىملىق مىخانىزمى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا مۇناسىۋەتلىك 19 دوكلاتىنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش مەسىلىسىگە سەل قارىغان، شۇ سەۋەبتىن كومىتېت تەرىپىدىن Moody’s قا ئىقتىسادىي جازا بېرىلگەن. جۈملىدىن Moody’s نىڭ گېرمانىيە شۆبىسىگە 750 مىڭ ياۋرو، ئەنگلىيە شۆبىسىگە 490 مىڭ ياۋرو جەرىمانە قويۇلغان.

ياۋروپا كۆچمە مۈلۈك ۋە پۇل – مۇئامىلە كومىتېتى بۇلتۇر قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلمىغانلىقى سەۋەبلىك كىرېدىتنى دەرىجىگە ئايرىش ئورگىنى فىچقىمۇ 1.37 مىليون ياۋرو جەرىمانە قويغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر