قىممەت باھالىق ئالماس ھالقا 51 مىليون دوللارغا سېتىلدى
قىممەت باھالىق ئالماس ھالقىلار شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى كىمئارتۇق سودىسى ئورنىدا كىمئارتۇق قىلىپ 51 مىليون دوللارغا سېتىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىم ئارتۇق سودىسى ئورنى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، «ئاپوللو كۆك رەڭ» ۋە «ئارتېمىس ھال رەڭ» نامىدىكى 14.54 كاراتلىق قىممەت باھالىق ئالماس ھالقىلار كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشتا رېكورت بۇزۇپ تاشلانغان، جۈملىدىن «ئاپوللو كۆك رەڭ» نامىدىكى ئالماس ھالقا 37.5 مىليون دوللارغا، «ئارتېمىس ھال رەڭ» نامىدىكى ئالماس ھالقا 13.5 مىليون دوللارغا سېتىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئالماس ھالقىلارنى سېتىۋالغان سىرلىق كىمئارتۇق سودىگىرى «ئاپوللو كۆك رەڭ» نامىدىكى ئالماس ھالقىنى «خازان ياپراقلىرىنىڭ ئانىسى»، «ئارتېمىس ھال رەڭ» نامىدىكى ئالماس ھالقىنى بولسا «خازان ياپراقلىرىنىڭ چۈشى» دەپ ئاتىغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.