«بۇ يىل ئانتالياغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 9 مىليوندىن ئاشىدۇ»

ئانتاليا شەھەر باشلىقى مەندەرەس تۈرەل بۇ يىل ئانتالياغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر سانىنىڭ 9 مىليوندىن ئاشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

708081
«بۇ يىل ئانتالياغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 9 مىليوندىن ئاشىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانتاليا شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، تۈرەل ماناۋگاتتا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، مۇخبىرلار، مەھەللە كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغاندا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ ساياھەت ئىشلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ يىل بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، 3 مىليون ئەتراپىدا رۇس ساياھەتچىنىڭ كېلىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان، ھەمدە تۈركىيەنىڭ باشقا دۆلەتلەر رىقابەتلىشەلمەيدىغان ئالاھىدىلىكىنىڭ مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەتلىك ۋە باھانىڭ تەڭپۇڭ بولۇشى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان.

ساياھەتچىلەرنىڭ باشقا دۆلەتلەردە تۈركىيەدىكىدەك ئەرزان باھادىكى ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن تۈرەل، بۇ يىل ئانتالياغا 2 مىليون ئەتراپىدا گېرمانىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى، ئۆتكەن يىلى ئانتالياغا 6 مىليوندىن ئارتۇق ساياھەتچىنىڭ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «بۇ يىل شەھىرىمىزگە 9 مىليوندىن ئارتۇق ساياھەتچى كېلىدۇ دەپ مۆلچەرلەۋاتىمىز، چۈنكى، بۇنىڭ ئىشارەتلىرىنى كۆرۈۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر