بۈلېنت تۈفەكجى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرققىيات نىسبىتىنى ئېلان قىلدى
تۈركىيە تاموژنا ۋە سودا ئىشلىرى مىنىستىرى بۈلېنت تۈفەكجى «2017 - يىلىدا تۈركىيەنىڭ تەررەققىيات نىسبىتى %5 پىرسەنت ئەتراپىدا بولىدۇ» دېدى.
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاموژنا ۋە سودا ئىشلىرى مىنىستىرى بۈلېنت تۈفەكجى 2016 – يىللىق تەرەققىيات نىسبىتىنى ئېلان قىلدى.
بۈلېنت تۈفەكجى ئادانادا قىلغان سۆزىدە، «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي- سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى بولمىغان بولسا ئىدى، تۈركىيە %4.5 دىن ئۈستۇن تەرەققىيات نىسبىتىنى قولغا كەلتۈرگەن بولاتتى» دېدى.
بۈلېنت تۈفەكجى قانلىق ھەربىي قوزغىلاڭنىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا %1.5 لىك زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ تۈركىيەنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن نامايان قىلغان ئىرادىسى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بازارلارغا ئېچىلىشى، ھۆكۈمىتىمىز ئوتتۇرىغا قويغان رىغبەتلەندۈرۈش پىلانلىرى بىلەن 2017 - يىلىدا تۈركىيەنىڭ تەررەققىيات نىسبىتى %5 پىرسەنت ئەتراپىدا بولىدۇ» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا ئاشتى
تۈركىيەنىڭ 54 شەھىرىنىڭ ئېكىسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
تۈركىيەنىڭ فىندىق ئېكسپورتى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ 8 ئايلىق فىندىق (ئورمان ياڭىقى) ئېكىسپورتى 1 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يېقىنلاشتى.