زور كۆلەملىك ئۈستقۇرۇلما سېلىنمىلىرى ۋە تۈركىيە ئىقتىسادى

«دۇنيا ئىقتىسادى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا «زور كۆلەملىك ئۈستقۇرۇلما سېلىنمىلىرى ۋە تۈركىيە ئىقتىسادى» ماۋزۇلۇق تېمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

682457
زور كۆلەملىك ئۈستقۇرۇلما سېلىنمىلىرى ۋە تۈركىيە ئىقتىسادى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2002 – يىلىدىكى سايلاملار بىلەن بىرلىكتە يارىتىلغان سىياسىي مۇقىملىق، قارار چىقىرىش سۈرئىتىنى ئاشۇردى ۋە تۈركىيە ئىقتىسادى تېزدىنلا ئەسلىگە كېلىش مۇساپىسىگە قەدەم باستى. 2002 – يىلى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى جەرياندا مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىمۇ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشتى، ئۆسۈم ۋە پۇل پاخاللىقى قاتارلىق كۆپلىگەن ماكرو ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەردە ياخشىلىنىش كۆرۈلدى. ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەردە كۆرۈلگەن ياخشىلىنىش نەتىجىسىدە 1990 – يىللاردا تۈركىيەدىن يىراقلاشقان مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتى قايتىدىن تۈركىيەگە ئاغدى.

تۈركىيە، ياش، دىنامىك ۋە سۈپەتلىك ئەمگەك كۈچىگە ئىگە نوپۇسى ۋە گىئوپولىتىكىلىق ئەۋزەللىكلىرى سايىسىدا سۈرئەت بىلەن گۈللەنگەن ئىقتىسادى ئارقىلىق، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەر ئارىسىدا ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. بۇ دائىرىدە، 2002 – يىلىدىن كېيىن روياپقا چىقارغان ۋە پىلانلىغان زور ھەجىملىك سېلىنما لايىھەلىرى، مەدەنىي ۋە تارىخىي بىرىكمىلىرى، گۈللەنگەن پۇل – مۇئامىلە بازارلىرى، مەھسۇلات، خىزمەت ۋە ئىجرا قىلىشتىكى خىلمۇخىللىقى بىلەنمۇ مەزكۇر گۈللىنىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بۇ دائىرىدە بېكىتىلگەن 2023 – يىللىق نىشانلىرى ۋە بۇ نىشانلارنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىنىڭ بىرى بولغان تۈركىيەنىڭ دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئون چوڭ ئىقتىسادىي كۈچى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش يولىدىكى خىزمەتلەر، يېقىنقى مەزگىللەردە دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قارىماي، يۇقىرى سۈرئەت بىلەن داۋاملاشماقتا. تۈركىيەدە يېقىنقى 15 يىلدا سەھىيە، مائارىپ، ئۈستقۇرۇلما، ئېنېرگىيە، تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش دېگەندەك ھەر خىل ساھەلەردە روياپقا چىقىرىلغان پىلان – لايىھەلەرنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

تۈركىيەنىڭ دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچلىرى قاتارىغا كىرىشىدە، سېلىنمىلارغا بولغان ئېھتىياجنى نەزەردە تۇتۇپ روياپقا چىقىرىلغان ياۋۇز سۇلتان سەلىم كۆۋرۈكى، مارماراي، ياۋرو – ئاسىيا تونېلى، ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى، ئىستانبۇل مالىيە مەركىزى، ئېنېرگىيە پاي چېكى بازىرى ۋە پىلان باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان كۆپلىگەن لايىھەنىڭ تۆھپىسى زور بولىدۇ.

داۋامى كېلىدىغان چوڭ سېلىنما لايىھەلىرىنىڭ مالىيەسىگە ئاسانچىلىق تۇغدۇرۇش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيە بايلىق فوندى ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەزكۇر لايىھەلەرنىڭ تۈركىيە بايلىق فوندى سايىسىدا دۆلەتكە قەرز يۈكى ئارتماستىن روياپقا چىقىرىلىشى ھەم سېلىنمىنىڭ مالىيەسى ھەم تېجەش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى جەھەتتىنمۇ مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. بۇ لايىھەلەرنىڭ روياپقا چىقىرىلىشى بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيە جۇغراپىيەلىك ۋە گىئوپولىتىكىلىق كۈچىنى ئىقتىسادىي كۈچكە ئايلاندۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدۇ ۋە رايوننىڭ جەلپكار مەركەزلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، قاتناش، ئېنېرگىيە، ئۈستقۇرۇلما، تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش، مالىيە، مائارىپ، سەھىيە ساھەلىرى بويىچە داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان چوڭ قۇرۇلۇش – لايىھەلىرى بىلەن، تۈركىيە قىسقا مەزگىللىك لايىھەلەرگە ئەمەس، ئۇزۇن مەزگىللىك پايدىسى يۇقىرى لايىھەلەرگە يۈزلەنگەلىكىنى كۆرسەتتى. تۈركىيەنىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشى ئۈچۈن، غۇلغۇلا قوزغايدىغان يېڭى سېلىنما لايىھەلىرىنى توختاۋسىز روياپقا چىقىرىشى ناھايىتى مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيەنىڭ يەنە، نىشانلىرىغا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يېتىشى ئۈچۈن، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بارلىق باسقۇچلىرىنى تېخنولوگىيەلەشتۈرۈشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى زۆرۈردۇر. ئېكسپورتلىرى ئىچىدە چەكلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان ئىلغار تېخنولوگىيەلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆپەيتىشى كېرەك بولغان تۈركىيەدە بۇ ئىش، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ قوشۇمچە قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، تۈركىيەنى خەلقئارا بازارلاردا تېخىمۇ كۈچلۈك رىقابەت قىلالايدىغان ئورۇنغا ئىگە قىلىدۇ ۋە دۆلەتنىڭ نىشانىغا يېتىشىگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشىدۇ.

خۇلاسىلىگەندە، 2002 – يىلىدىن كېيىن تۈركىيەدە ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتكەن ۋە ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان سىياسىي مۇقىملىق سايىسىدا روياپقا چىققان چوڭ قۇرۇلۇشلار، تۈركىيەنىڭ ئوبرازىغىمۇ مۇسبەت كۈچ قوشۇپ، مەبلەغ سېلىش جەھەتتە ئىككىنىلىۋاتقان يەرلىك ۋە چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىدۇ.

ئاخىرىدا، 15 – ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى ئارقىلىق توسۇپ قىلىنماقچى بولۇنغان تۈركىيەنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى، تاماملانغان ۋە تاماملىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان سېلىنمىلار سايىسىدا ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر