تۈركىيە ئويۇنچۇق ئېكسپورتىدا ناھايتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇرۇش ۋە ئىچكى توقۇنۇشلارغا قارىماي تۈركىيەنىڭ سۈرىيە، ئىراق ۋە مىسىرغا قىلغان ئويۇنچۇق ئېكسپورت مىقدارى يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە 11 مىليون دوللار ئاشقان.

673929
تۈركىيە ئويۇنچۇق ئېكسپورتىدا ناھايتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراققا قىلغان ئېكسپورت مىقدارى 2012 – يىلدىن 2016 – يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا 9 مىليون 236 مىڭ دوللار ئاشقان؛ مىسىرغا قىلغان ئېكسپورت مىقدارى 414 مىڭ دوللارغا؛ سۈرىيەگە قىلغان ئېكسپورت مىقدارى 623 مىڭ دوللارغا يەتكەن.

تۈركىيەنىڭ 2012 – يىلدىن 2016 – يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئومۇمىي ئويۇنچۇق ئېكسپورت مىقدارى 140 مىليون 751 مىڭ دوللارغا يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر