پۇتىن: ۋېنگرىيە تۈرك ئېقىمى لىنىيەسىدىن تەبىئىي  گاز ئالالايدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن ۋېنگرىيەنىڭ تۈرك ئېقىمى تۇرۇبا لىنىيەسىدىن تەبىئىي  گاز ئالالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

664780
پۇتىن: ۋېنگرىيە تۈرك ئېقىمى لىنىيەسىدىن تەبىئىي  گاز ئالالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنگرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان پۇتىن ۋېنگرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

پۇتىن بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، سىياسىي جەھەتتىن تەبىئىي  گازنى ئۇكرائىنا ئارقىلىق ياۋروپاغا يەتكۈزۈش نىشانلىرىنىڭ يوقلۇقىنى، شۇڭا ۋېنگرىيەنىڭ تۈرك ئېقىمى تۇرۇبا لىنىيەسىدىن تەبىئىي  گاز ئالالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋېنگرىيە باش مىنىستىرى ئوربان مۇنداق دېدى: «بىزگە نىسبەتەن جەنۇبىي ئېقىم تۇرۇبا لىنىيەسى ياخشى، ئەمما بۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا تۈرك ئېقىمى تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ياۋروپا تەرەپكە قاراپ بەرپا قىلىنىشى بىزگە نىسبەتەن مۇھىم، بىزگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىلگەن تەقدىردە، بۇ لايىھەدىن خۇرسەنلىك بىلەن ئورۇن ئېلىشنى خالايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر