ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى لايىھەلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بۇ يىلقى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى لايىھەلىرىگە 1.5 تىرىليون يۈەن (218 مىليارد دوللار) مەبلەغ ئاجرىتىدۇ.

655914
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى لايىھەلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، 2017 – يىللىق رايونلۇق تەرەققىياتنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن بۇلتۇرقىغا قارىغاندا % 50 كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىشنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ دائىرىدە بولۇپمۇ قاتناشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقىنى  ئۇقتۇردى.

دوكلاتتا، 1.6 مىليون كىۋادرات كىلومېتىرلىق ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى لايىھەلىرى دائىرىسىدە دۆلەتلىك تاش يول قۇرۇلۇشى لايىھەلىرىگە 29.1 مىليارد دوللار، تۆمۈر يولى لايىھەلىرىگە 5 مىليارد دوللار، پايتەخت ئۈرۈمچىدىكى ئايرودۇرۇم لايىھەسىگە 3 مىليارد دوللار ئاجرىتىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

يەرلىك ھۆكۈمەت بۇلتۇر قاتناش ۋە ئېنېرگىيە ساھەلىرىدىكى 62 لايىھە ئۈچۈن 145 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجراتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر