تۈركىيە يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى

ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى (OECD) تۈركىيە بىلەن بەزى ئوتتۇرا كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ، يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

637750
تۈركىيە يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى 2017-يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، دۆلەتلەرنىڭ كىرىم سەۋىيەسىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بىلدۈردى. دوكلاتتا، بۇ ئۆزگىرىشنىڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە كۆرۈلگەن ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ ئاستىلىشى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى يۇقىرى ئىقتىسادىي ئېشىش پەرقىدىن كېلىپ چىققانلىقى ئەسكەرتىلدى. مەزكۇر دوكلاتتا، تۈركىيە «ئىقتىسادىي يۇقىرى سەۋىيەدە ۋە ئىزچىل ئاشقان» دۆلەتلەر قاتارىدا كۆرسىتىلدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، 2015-يىلى ئوتتۇرا كىرىملىك دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان خىتاي، كولومبىيە، كوستارىكا، ھىندونېزىيە، قازاقىستان، مېكسىكا ۋە جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەر سېپىگە كىرگەن.

دوكلاتتا، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەلىك كۆچمەنلەر ئۈچۈن سەرپ قىلغان خىراجەتلىرىمۇ ئالاھىىدە تىلغا ئېلىنغان.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر