ئىقتىسادىي كوردىناتسىيە كېڭىشىنىڭ قارارلىرى

تۈركىيە ئىقتىسادىي كوردىناتسىيە كېڭىشىنىڭ قارارلىرى توغرىسىدا

630212
ئىقتىسادىي كوردىناتسىيە كېڭىشىنىڭ قارارلىرى

تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ سەزگۈر ماكرو ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچىلەرگە ئىگە. تەرەققىيات يولىدا نۇرغۇن ماكرو ئىقتىسادىي مەسىلىلەردە ئىقتىسادىي سىياسەت بېكىتكۈچىلەر بازارلارنى يېقىندىن قوللاپ يول كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە تەرەققىيات باسقۇچىدىكى سانائەتلەر خەلقئارادا رىقابەتلىشەلەيدۇ.  شۇنداقلا كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپلىق كارخانىلار دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەندە  يېڭى ئىش پۇرسەتلىرى يارىتىلىشتىن سىرت، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى تېخىمۇ ئاشىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا دۆلەت ئىقتىسادىي يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي داۋلغۇشلارنىڭ سەلبىي تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.

تۈركىيە دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي كۈچلۈك 20 دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. بىراق  تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر كاتېگورىيەسى ئىچىدىكى تۈركىيە، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىش ئۈچۈن نۇرغۇن تەرەققىيات لايىھەلىرى ئۈستىدە خىزمەت ئىشلىمەكتە. بۇ دائىرىدە تۈركىيەدە ئەھمىيەت بېرىلگەن ساھەلەر ئىچىدە ئىقتىساد ئەڭ باشتا كېلىدۇ. ئۆتكەن ئايلاردا ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن كېيىن دۇنيا بازارلىرىدا كۆرىنەرلىك داۋالغۇش كۆرۈلدى. ياۋرو ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ پۇللىرىنىڭ قىممىتى دوللارغا سېلىشتۇرغاندا تۆۋەنلەپ كەتتى. بۇ دۆلەتلەرنىڭ پۇل بىرلىكىنىڭ قىممىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرگەن ئامىللاردىن بىرى، ئامېرىكا مەركىزى بانكىسى فەدنىڭ دېكابىردا ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانىغان قەرز ئۆسۈمىنى ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك باياناتى ئىدى. تۈركىيەمۇ بۇ ئىقتىسادىي داۋالغۇشلارنىڭ سەلبىي تەسىرلىرىنى ئازايتىش ۋە دۆلەت ئىقتىسادىنى يېتەكلەش مەقسىتىدە دېكابىرنىڭ تۇنجى ھەپتىسىدە ئىقتىسادىي كوردىناتسىيە كېڭىشى باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم باشچىلىقىدا يىغىن چاقىردى. 8-دېكابىردا ئىقتىسادىي كوردىناتسىيە كېڭىشى يىغىندا ئېلىنغان قارارلارنى كەڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئورتاقلاشتى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە رىئال ساھەنى قوللاش مەقستىدە 250 مىليارد تۈرك لىراسى يەنى تەخمىنەن 70 مىليارد دوللار سەرپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنداق بولغاندا، 600مىڭ ئادەمگە يېڭى ئىش پۇرسەتلىرى يارىتىلىدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى، دۆلەت راسخوتلىرىنى تىجەشكە مۇناسىۋەتلىك لايىھەلەرنىڭمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىغانلىقى كۈنتەرتىپكە كەلدى. بۇنىڭدىن مەقسەت دۆلەت راسخوتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە قىزىل رەقەم نىسبىتىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر. شۇنداقلا ئىلگىرى قەرز بولۇپ قېلىپ قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقتىن ئەنگە ئېلىنىپ قالغان شىركەتلەرگە قولايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش ئۈستىدىمۇ خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە.

قىسقىسى، تەرققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە رىئال ۋە خىزمەت ساھەلىرى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ سەزگۈر مۇۋازىنەتكە ئىگە. ئىقتىسادىي سىياسەت بېكىتكۈچىلەر ئوخشىمىغان ئىقتىسادىي مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ بۇ ساھەلەرنى قوللاش ۋە يېتەكلەش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ چىقىرىپ كەلمەكتە. تۈركىيە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر كاتېگورىيەسىدە  بولۇپ، رىئال ۋە خىزمەت ساھەلىرىنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ كەلمەكتە. يېقىندا دۇنيا ئىقتىسادىدا كۆرۈلگەن داۋالغۇشلارنىڭ تەسىرىنى ئازايىتىش ۋە تۈركىيە ئىقتىسادىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە دېكابىرنىڭ بېشىدا ئىقتىسادىي كوردىناتسىيە كېڭىشى يىغىن چاقىردى. بۇ كېڭەشتە چىقىرىلغان قارارلارنى باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم خەلققە بىلدۈردى، بۇ قارارلار ئىچىدە كۆزگە بەكرەك چېلىقىدىغان ماددا بولسا رىئال ساھەدە يېڭى ئىش پۇرسەتلىرى ۋە قوشۇمچە قىممەت يارىتىشنى نىشان قىلغان شىركەت ۋە كارخانىلارنى قوللاش ئۈچۈن 250 مىليارد تۈرك لىراسى ئاجرىتىشنىڭ پىلانلانغان بولۇشىدۇر. رىئال ساھە زورايغان ۋە ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىگەن ئەھۋالدا دۆلەت ئىقتىسادىي گۈللىنىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى تېخىمۇ ئاشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر