دوللارنىڭ ئۆسۈشى خەلقئارالىق بازارلاردا داۋالغۇش پەيدا قىلدى

دوللار ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى (FED) نىڭ باشلىقى جېنىت يېلىننىڭ تۈنۈگۈن (17-نويابىر) كى باياناتىدىن كېيىن، خەلقئارالىق بازارلاردا تېخىمۇ ئۆسۈپ كەتتى.

613332
دوللارنىڭ ئۆسۈشى خەلقئارالىق بازارلاردا داۋالغۇش پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقىنىڭ باياناتىدىن كېيىن، خەلقئارالىق بازارلاردا دوللارنىڭ قىممىتى تېخىمۇ ئۆستى.  بۈگۈن (18-نويابىر) ھەممىنىڭ دىققىتى ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى مارىيو دىراينىڭ ئېلان قىلىىدىغان باياناتىغا مەركەزلەشتى.

خەلقئارالىق بازارلاردا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان دونالد ترامپنىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنىڭ پۇل پاخاللىقى ۋە بانكا ئۆسۈمىنىڭ ئۆسۈپ كېتىدىغانلىقى ئەندىشىسىنىڭ تەسىرىدە دوللارنىڭ قىممىتى ئۆستى.

ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنى كېچىكتۈرۈشنىڭ ئىقتىسادتا تۇيۇقسىز ۋە تېز سۈرئەتلىك چېكىنىشنى پەيدا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

مارىيو دىراي 2018-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە خىزمىتىنى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىستېپا بېرىش توغرىسىدىكى سۆز-چۆچەكلەرگە خاتىمە بەردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر