نازارەت ئاستىدىكى رۇسىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، نازارەت ئاستىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرى ئالېكسېي ئۇليۇكائېۋنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىدى.

611677
نازارەت ئاستىدىكى رۇسىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرى ئالېكسېي ئۇليۇكائېۋنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىدى.

كىرىملىن سارىيى باياناتچىسى دىمىترى پېسكوۋ مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئۇليۇكائېۋنىڭ «ئىشەنچلىكلىك ئورنىنى يوقىتىپ قويغان» لىقى ئۈچۈن پۇتىن تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇليۇكائېۋ، رۇسىيە نېفىت شىركىتى – باشنېفىتنى دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت شىركىتى روسنېفىتكە سېتىش توغرىسىدا ھۆكۈمەت نامىدىن ئىجابىي ئىپادە بىلدۈرۈش ئۈچۈن روسنېفىت شىركىتىدىن تەھدىت ئاستىدا 2 مىليون دوللار ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ تۈنۈگۈن كېچە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانىدى.

رۇس مىنىستىر ئۇليۇكائېۋنىڭ 15 يىللىق قاماق جازاسى تەلەپ قىلىنىپ سوتلىنىشى كۈتۈلمەكتە؛ پايتەخت موسكۋادىكى باسماننىي سوت مەھكىمىسى، ئۇليۇكائېۋنىڭ چەت ئەلگە قېچىش ئېھتىمالىنىڭ نەزەردە تۇتۇلۇپ ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنىشىنى قارار قىلغانىدى.

رۇسىيە باش مىنىستىرى دىمىترى مېدۋېدېۋمۇ، ئۇليۇكائېۋنىڭ ئورنىغا ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرى ياردەمچىسى يېنگېني يېلىننى ۋاكالىتەن ۋەزىپىگە تەيىنلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر