تۈركىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق چېيى

تۈركىيەدىكى دۇنياغا داڭلىق چايقۇر چاي شىركىتى دۇنيا بازارلىرىدىكى ئۈلۈشىنى كېەيتىش قارارى ئالدى.

594329
تۈركىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق چېيى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چايقۇر شىركىتىنىڭ باش  دىرېكتورى ئىمدات سۈتلۈئوغلۇ 80 دۆلەتتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقلىرىنى، تۈرك چېيىنىڭ دۇنياغا تونۇلۇشىغا ئەگىشىپ، پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان دۆلەتلەر سانىنىڭ يىلسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

سۈتلۈئوغلۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، شىركەتنىڭ 16 – 20 – ئۆكتەبىر كۈنلىرى فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئېچىلغان خەلقئارا SIAL  يېمەك – ئىچمەك كۆرگەزمىسىگە ئىشتىراك قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىركەتنىڭ دۇنيا ماركىسىغا ئايلىنىشى يولىدا مۇھىم قەدەملەرنى تاشلاۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

شىركەتنىڭ خەلقئارالىق كۆرگەزمىلەر سايىسىدا دۇنيادا بارغانسېرى تونۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى قەيت قىلغان سۈتلۈئوغلۇ، كۆرگەزمىلەردە نۇرغۇنلىرىغان مەھسۇلاتلارنى تونۇشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «دۇنيا بازارلىرىغا قارا چايدىن سىرت يەنە، يېشىل چاي، دورا – دارمان ۋە مېۋە چايلىرى بىلەن بىرلىكتە دىدى ماركىلىق سوغۇق چايلىرىمىزنىمۇ سېلىۋاتىمىز ھەمدە كۈنسېرى تەرەققىي قىلىۋاتىمىز. نىشانىمىز پۈتكۈل دۇنيا بازارلىرىغا ئېچىلىش بولۇپ، بۇ يولدا تىنىم تاپماپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز.»

تۈرك چېيىنىڭ ئورگانىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن سۈتلۈئوغلۇ، تۈرك چېيىنى يېتىشتۈرۈشتە خىمىيەلىك ئۇغۇت، ئىشلەپچىقىرىشتا قوشۇمچە ماددا ئىشلىتىلمەيدىغانلىقىنى، شەرقىي قارادېڭىز رايونىنىڭ مىسلىسىز ئىقلىم ئالاھىدىلىكى سايىسىدا دۇنيادا ئەڭ كۆپ پايدىغا ئېرىشىۋاتقان بىردىنبىر شىركەتنىڭ چايقۇر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شىركىتىمىز كەلگۈسىدە بارلىق چايلارنى ئورگانىك ھالەتتە ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئورگانىك چاي ئارقىلىق دۇنيا بازارلىرىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەشنى نىشان قىلىۋاتىمىز. ياۋروپادا بولۇپمۇ ئورگانىك چاي مەھسۇلاتلىرىغا بولغان تەلەپ ناھايتى يۇقىرى. مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ ئورگانىك بولۇشى، يېتىشتۈرۈشتە خىمىيەلىك ئۇغۇت، ئىشلەپچىقىرىشتا قوشۇمچە ماددىنىڭ ئىشلىتىلمەسلىكى ياۋروپالىق ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلماقتا.»

ئۇ يەنە، 2017 – يىلى تۈركىيە ۋە دۇنيا بازارلىرىغا «چايلا» ماركىلىق چاينى سالىدىغانلىقلىرىنى، ھەر بىر ئۆيدىن 60 قا يېقىن ئوخشىمىغان تۈردىكى ئارىلاش چايلار ۋە ئالاھىدە يېمەك – ئىچمەكلەرنىڭ ئورۇن ئالىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر