ئىران بىلەن جەنۇبىي كورېيە دوللارنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ

ئىران بىلەن جەنۇبىي كورېيە سودا – تىجارەتتە دوللارنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.

559950
ئىران بىلەن جەنۇبىي كورېيە دوللارنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە سىياسىي ئىشلار باش ئورگىنىنىڭ باشلىقى ھامىد بەيدىنېجاد تېھران بىلەن سېئۇل ئوتتۇرىسىدا سودا – تىجارەتتە 29 – ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن ياۋرو ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بەيدىنېجاد بۇنىڭ يادرو كېلىشىمى دائىرىسىدە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

جەنۇبىي كورېيە ئىقتىسادىي ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ سودا – تىجارەتتە دوللارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئورنىغا ياۋرو ئىشلىتىشكە باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر