تۈركىيەدە چەت ئەللىكلەرگە يېشىل كارد بېرىش تەكلىپى مۇزاكىرىدە

تېگى تۈركىي مىللەتلەردىن بولغان ياكى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پۇقراسى ۋە ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت پۇقراسى بولغانلار خىزمەت رۇخسىتى ئېلىشتا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن پايدىلىنىدۇ.

526496
تۈركىيەدە چەت ئەللىكلەرگە يېشىل كارد بېرىش تەكلىپى مۇزاكىرىدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن بىر ھەپتلىك دەم ئېلىشتىن كېيىن قويۇق خىزمەتلىرىنى باشلاش ئالدىدا تۇرىدۇ. 

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) ئومۇمىي كېڭىشىدە، بۇ ھەپتە چەت ئەللىكلەرنىڭ ئەنگە ئېلىنماستىن قانۇنسىز ئىشلىشىنى توسۇش، يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ئەمگەك كۈچى تەڭپۇڭلۇقىنى قۇرۇپ چىقىپ،  ئىقتىدارلىق چەت ئەللىك ئەمگەك كۈچلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى پىلانلىغان خەلقئارا ئەمگەك كۈچى قانۇن تەكلىپى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

قانۇن تەكلىپىگە كۆرە، خىزمەت ۋە سۇغۇرتا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى چەت ئەللىكلەرنىڭ خىزمەت تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئەمگەك كۈچىنىڭ تەسىرىنى كۆزىتىش، چەت ئەللىكلەرنىڭ تەلەپلىرىنى باھالاش ۋە تەكشۈرۈش سىتېمىسى قۇرۇپ چىقىدۇ.

سەھىيە ۋە مائارىپ ساھەلىرىدە خىزمەت قىلىدىغان چەت ئەللىكلەرنىڭ خىزمەت رۇخسىتى ئىلتىماسىنى باھالاشتا ئالدىن رۇخسەت ئېلىنىپ، خەلقئارا ئەمگەك كۈچى سىياسىتى مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇپ چىقىلىدۇ.

تېگى تۈركىي مىللەتلەردىن بولغان ياكى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پۇقراسى ۋە ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت پۇقراسى بولغان ھەمدە ئىلىم – پەن، كۈلتۈر – سەنئەت، ياكى تەنتەربىيە ساھەلىرىدە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن ئىقتىدارلىق چەت ئەللىكلەر خىزمەت رۇخسىتى بېرىشتە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن پايدىلاندۇرۇلىدۇ.

مىنىستىرلەر كېڭىشى دۆلەت مەنپەئەتى تەقەززا قىلغان ئەھۋالدا چەت ئەللىكلەرگە خىزمەت رۇخسىتى بېرىش ياكى خىزمەت رۇخسىتىنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنىمۇ قوللىنالايدۇ.

خەلقئارا ئەمگەك كۈچى سىياسىىتى مەسلىھەت كېڭىشى، ئىلتىماس - تەكلىپلىرى مىنىستىرلەر كېڭىشى تەرىپىدىن مۇناسىپ كۆرۈلگەن چەت ئەللىكلەرگە «يېشىل كارد» بېرىدۇ.

تۈركىيەدە ئالىي مائارىپتا ئالاھىدە تەربىيەلەش پىروگراممىلىرىغا ئەنگە ئېلىنغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارمۇ خىزمەت رۇخسىتى ئېلىش شەرتى بىلەن ئىشلىيەلەيدىغان بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر