ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا ۋەيران بولغان ئۆيلەر قايتىدىن سېلىنىدۇ

ئىسلام تەرەققىيات بانكىسى 2014 – يىلى ئىيۇل ئېيىدا ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى 260 ئۆينىڭ قايتىدىن سېلىنىشىنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەيدۇ.

501220
ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا ۋەيران بولغان ئۆيلەر قايتىدىن سېلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش ئاگېنتلىقىنىڭ باياناتچىسى ئادنان ئەبۇ ھاسەنە: «تۈنۈگۈن (30 – ماي) ب د ت پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش ئاگېنتلىقى بىلەن ئىسلام تەرەققىيات بانكىسى پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان 260 ئۆينى قايتىدىن سېلىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى» دېدى. ئۇ ب د ت پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش ئاگېنتلىقى ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا ۋەيران بولغان 300 ئۆينى قايتىدىن سېلىش لايىھەسىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئالدىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ: «ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ۋەيران بولغان ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىنى قايتىدىن سېلىشقا كېتىدىغان خىراجەتلەرنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز» دېدى.

ئىسىرائىلىيەنىڭ 2014 – يىلى 7 – ئىيۇلدا باشلىغان ۋە 51 كۈن داۋام قىلغان ھۇجۇملىرى 26 – ئاۋغۇستتا ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بىلەن توختىغان ئىدى. ب د ت پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم قىىلش ئاگېنتلىقى بىلەن ب د ت تەرەققىيات پىروگراممىسىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن تەييارلانغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرىدا تەخمىنەن 12 مىڭ ئۆي پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان، 160 مىڭ ئۆي زىيانغا ئۇچرىغان، 6 مىڭ 600 دىن ئارتۇق ئۆي ئولتۇرغىلى بولمايدىغان ھالغا كەلگەن ئىدى.

2014 – يىلى 12 - ئۆكتەبىر مىسىر پايتەختى قاھىرەدە ئېچىلغان «غەززەنى قايتىدىن قۇرۇش» تېمىلىق خەلقئارالىق يىغىندا، 2.6 مىليارد دوللارلىق قىسمەن قۇرۇلۇشتا ئىشلىتىش مەبلىغىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5.4 مىليارد دوللارلىق ياردەم توغرىسىدا ۋەدە بېرىلگەن ئىدى. پەلەستىن منىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچە بۇ ياردەملەرنىڭ %30 ى  ئەمەلىيلەشكەن.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر