خىتاي ئىقتىسادتا ئامېرىكىنىڭ ئورنىغا دەسسىدى

دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ پاراۋۇزى بولغان خىتاينىڭ دۇنيا ئېكسپورتىدىكى پېيى 50 يىل ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقتى.

476291
خىتاي ئىقتىسادتا ئامېرىكىنىڭ ئورنىغا دەسسىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2015– يىلى خىتاينىڭ دۇنيا ئېكسپورتىدىكى ئېشىشى ئىزچىل ساقلىنىپ، ئامېرىكا 1968 – يىلى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىدىن كېيىن، بىر دۆلەت قولغا كەلتۈرەلەيدىغان ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى.

ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) سودا ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كونفېرانسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2015 – يىلى خىتاينىڭ دۇنيا ئېكسپورتىدىكى پېيى 2014 – يىلىدىكى %12.3 تىن %13.8 گە ئۆرلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر