«ياۋروپاغا نىسبەتەن تۈركىيە ھالقىلىق دۆلەت»

2 – نۆۋەتلىك تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر دىيالوگ يىغىنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلدى.

425563
«ياۋروپاغا نىسبەتەن تۈركىيە ھالقىلىق دۆلەت»
Türkiye-Avrupa Enerji Diyaloğu

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىغىندىن كېيىن ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق بىلەن ياۋروپا كومىتېتىنىڭ ئېنېرگىيە ۋاە كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مىگۇئېل ئارىئاس كانېتې قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

بەرات ئالبايراق ئېنېرگىيە سۆھبەت تېمىسىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقى مۇزاكىرىلىرىدە ئالغا ئىلگىرىلەش كۆرۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجى، بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە يېقىنقى يىللاردا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر جەھەتتىن تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.» يىغىندا رايونلۇق ئېنېرگىيە لايىھەلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى. ئالبايراق بۇ ھەقتە توختالغاندا، «يىغىندا بولۇپمۇ تەبىئىي گاز ۋە ئېنېرگىيە بازارلىرى، رايونلۇق مۇھىم لايىھەلەر، بولۇپمۇ تىرانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى، ئوتتۇرا ئاسىيا لايىھەسى، رايوننى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ لايىھەلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق» دېدى. ياۋروپا كومىتېتىنىڭ ئېنېرگىيە ۋاە كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مىگۇئېل ئارىئاس كانېتې، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بولۇپمۇ ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم ۋە ھالقىلىق بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە تۈركىيەنىڭ رايونلۇق ئېنېرگىيە مەركىزىگە ئايلىنىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر