ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا يېڭى نىشانلار بەلگىلەپ چىقىلدى

2014 - 2023 - يىللىق مىللىي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىستىراتېگىيەسى تۈزۈپ چىقىلدى

77228
 ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا يېڭى نىشانلار بەلگىلەپ چىقىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا يېڭى نىشانلار بەلگىلەپ چىقىلدى.
2014 - 2023 - يىللىق مىللىي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىستىراتېگىيەسى تۈزۈپ چىقىلدى.
ئالى پىلان تۈزۈش كومىتېتىنىڭ قارارى بۈگۈنكى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.
بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، 2023 -يىلىغا بارغاندا ئىشسىزلىق نىسبىتىنى % 5 كە چۈشۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتىنى بولسا % 15 كە تۆۋەنلىتىش نىشان قىلىنماقتا.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 2023 - يىلىغا بارغاندا يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە رەسمىيەتسىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتىنى % 15 كە چۈشۈرۈش پىلانلانماقتا.
مىللىي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىستىراتېگىيەسى، ئاياللار، مېيىپلار، ياشلار ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئىشسىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاھىدە سىياسەتنى يولغا قويۇشنى تەقەززا قىلىدىغان گۇرۇپپىلارنىڭ ئەمگەك كۈچىگە ئىشتىراك قىلىشىنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇلارنىڭ پاچاقلاپ تاشلىنىشىنى نىشان قىلماقتا.
مىللىي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىستىراتېگىيەسىدە، كارخانىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزلارمۇ دىققەت قوزغىماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، مىللىي ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىستىراتېگىيەسى، پەسىللىك ۋە ھەر بىر پەسىل ئۈچ يىللىق بولۇپ، ھەر يىلنىڭ ئاخىرىدا يېڭىلىنىدىغان ھەرىكەت پىلانلىرى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر